چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: يۇۋېنتۇس 2:0 بارسېلونا

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:دوڭچىيۇدى تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا باشلاندى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېسسىنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن بارسېلونانىڭ 11-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، گرېزماننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، يۇۋېنتۇستىن موراتا ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، يۇۋېنتۇستىن كۇئادرادونىڭ پاس بېرىشى بىلەن موراتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر يەنە بىر قېتىم كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، يۇۋېنتۇستىن دېمىرال قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چىقىرىۋىتىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بارسېلونادىن مېسسى نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى بارسېلونا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، پيانىچنىڭ پاس بېرىشى بىلەن گرېزماننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىڭ 14 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ مېسسىنىڭ پاس بېرىشى بىلەن بارسېلونانىڭ 11-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، موراتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 29 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، موراتا يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، كىرگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالبانىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، گرېزماننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، ساھىبخان مەيداندا بىر توپ كەينىدە قالغان يۇۋېنتۇس ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 55 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، موراتا قاپقا ئالدىدا كۇئادرادونىڭ پاس بەرگەن توپىنى تېپىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر سىن رىپېرىنىڭ ئەسكەرتمىسى بىلەن موراتانى ئورۇن ھالقىغا دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ تەپكەن توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، يۇۋېنتۇستىن كۇلۇسېۋىسكىنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، بارسېلونادىن گرېزماننىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە سۈركىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، يۇۋېنتۇستىن دېمىرال بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى پارچە سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچراپ، قىزىك كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرىۋىتىلدى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا يۇۋېنتۇستىن بېرناردىسچى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، بارسېلونا نۇقتا توپقا ئېرىشتى، مېسسى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.