روھىي ھالەت توغرا بولسا، ھايات ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:بەيدۇ تورى


بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا سىزنى بېسىۋالغىنى ئىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىم ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ روھىي ھالىتى بولىدۇ؛ بىر ئادەم ياخشى روھىي ھالەتكە ئىگە بولغاندىلا، ئازاپ ئوقۇبەتلەردىن غالىپ كىلەلەيدۇ.

كافكانىڭ «قەلئە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: «بىرەر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىش بىلەن بىرگە سالماق، تەمكىنلىكنى ساقلىغاندىلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ».

دەرۋەقە، تۇرمۇشتا كۆپ ھاللاردا بىز قانچە ئالدىراقسانلىق قىلغانسېرى، غەلبە قازىنىش پۇرسىتىمىز شۇنچە ئازلايدۇ.

«ھەربىر ئالدىراڭغۇلۇق ۋە نەتىجىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشلار كۆپ ھاللاردا ئادەمنى نىشاندىن ئاداشتۇرۇپ، ئىشنى تېخىمۇ يامان تەرەپكە بۇرايدۇ.»

قانداقلا بولمىسۇن، بىر ئادەم پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئىشنى ياخشى قىلالىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىگە ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغان بولىدۇ، ئۆزىگە ئەڭ ياخشى مەسئۇل بولغان بولىدۇ.

روھىي ھالەت ياخشى بولمىسا چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، چۈنكى كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن ئىشلار مەغلۇبىيەت ئىچىدە تەجرىبە يەكۈنلەشتىن كېلىدۇ.

بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرەلمىسە، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم مەغلۇبىيەتچى بولىدۇ.

روھىي ھالىتى ياخشى بولمىسا، بەختلىك بولغىلى بولمايدۇ

بىر ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇش-بولماسلىقى ناھايىتى زور دەرىجىدە شۇ كىشىنىڭ روھىي ھالىتىگە باغلىق بولىدۇ.

مۇنداق بىر ئەر بىلەن تونۇشاتتىم. ئۇ ياپياش تۇرۇپلا كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، يېڭى توي قىلغان چاغدا ئايالى پەزىلەتلىك، ئائىلىسى ئىناق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ھەر كۈنى چىرايى ئېچىلمايتتى.

خىزمەتتە تەمىنات يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە پاسسىپ ھالدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشتىن، خىزمەتداشلىرىنىڭ چىقىشىپ ئۆتەلمەسلىكىدىن، رەھبەرلەرنىڭ ھالىغا يەتمەسلىكىدىن ئاغرىناتتى. ئايالى پەزىلەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئايالىدىنمۇ ئاغرىناتتى. ئۇنىڭ كۆرگىنى پۈتۈنلەي تۇرمۇشتىكى ئەڭ ناچار بىر تەرەپ ئىدى، ياخشى تەرەپنى ھېس قىلالمايتتى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، رەھبەرلىك ئۇنىڭ بۇ پاسسپ روھى ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنى قايتا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمىدى، ئۆيىدىمۇ تالاش ـ تارتىشلار كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى ئىناقلىق يوق بولدى. ئۇنىڭ ناچار روھىي ھالىتى ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى ئىنتايىن بەخىتلىك ئائىلىسىمۇ ۋەيران بولدى.

كىشىلىك ھاياتتا كۆڭۈلدىكىدەك بولۇش ئامەت، كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق نورمال ھالەت.

بەلكىم بىز ئىشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كونترول قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن بىز بىر خىل ئۈمىدۋار روھىي ھالەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرسەك بولىدۇ.

كۆڭلىگە ياقمايدىغان ھەم ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىشلارغا بىر كۈلۈپلا ئۆتۈپ كېتىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كېرەك.

روھىي ھالەت بىر ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇش-بولماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.

روھىي ھالىتى ياخشى ئادەمگە، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرى گۈزەل مەنزىرىگە تولغان، ھەر كۈنى خۇشال-خۇرام ئۆتەلەيدۇ، روھىي ھالىتى ناچار ئادەمنىڭ كۈنى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، بەختنى ھېس قىلالمايدۇ.

روھىي ھالەت توغرا بولسا، كىشىلىك تۇرمۇش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

كۆڭلىدە قۇياش بولسا، نەگىلا بارسا نۇر چېچىپ تۇرىدۇ؛ كۆڭلى خۇنۈكلىشىپ كەتسە، ھەشەمەتلىك ئۆيدە ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا سوغۇق ھېس قىلىدۇ.

قالغان ئۆمرىڭىزدە، ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى كىشىلىك ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.