بۇ يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدىكى 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق باھادىكى بازىرى ئىتتىك پىكاپلار ئىچىدە، تېسلا Model3 بىلەن BMW3 يۈرۈشلۈكى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئاپتوموبىلنىڭ سېتىۋېلىش تەننەرخى ۋە بېقىش خىراجىتى قانچىلىك پەرقلىنەر؟ بۈگۈن بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىك ئۈچۈن ياخشى ھېسابات قىلىپ بېرىمىز.
ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش خىراجىتىنى ھېسابلاشتا، تېسلا Model3 نىڭ يېتەكچى باھاسى 355 مىڭ 800 يۈەن بولغان 2019-يىل دەرىجە ئۆرلىتىلگەن نۇسخىسى بىلەن BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ نۆۋەتتە بىر قەدەر بازارلىق بولىۋاتقان 2020-يىل 325Li M نۇسخىسىنى تاللىدۇق (يېتەكچى باھاسى 346 مىڭ 900 يۈەن).
BMW3 يۈرۈشلۈكىگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا Model3 نى سېتىشتا بىۋاستە سېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلغاچقا، قەرز پۇل رەسمىيەت ھەققى، ئېسىل زىننەتلەش ھەققى، نومۇر تاختىسى ھەققى قاتارلىق ھەق ئېلىش تۈرلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بىراق قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل %30، قەرز پۇل 36 ئايلىق بولغان ئەھۋالدا، تېسلا Model3 نىڭ ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ئۆسۈم نىسبىتى BMW3 يۈرۈشلۈكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ. گەرچە BMW3 يۈرۈشلۈكىنى سېتىۋالغاندا سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما BMW3 يۈرۈشلۈكىگە ئاخىرىدا %10 ئەتراپىدا نەق پۇل ئۆتۈنۈپ بېرىش سىياسىتى مەۋجۇت بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ 325Li M نۇسخىسىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش چىقىمى تېسلا Model3 گە قارىغاندا تەخمىنەن 19 مىڭ يۈەن تۆۋەن بولىدۇ.
ئاسراش دەۋرىيلىكى جەھەتتە، تېسلا Model3 نىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 20 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، BMW3 يۈرۈشلۈكىدىن توپتوغرا بىر ھەسسە ئۇزۇن. ئاسراش تۈرىدە، تېسلا Model3 ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل بولغاچقا، BMW3 يۈرۈشلۈكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاددىي، تېجەشلىك.
تېسلا Model3 نىڭ ئاسراش باھاسى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ، يەنى 1700 يۈەنگە ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچ ئۆزىكى ئالماشتۇرۇش، 2500 يۈەنگە ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچ ئۆزىكى ۋە تورمۇز مېيى ئالماشتۇرۇش، 3300 يۈەنگە ھاۋا تەڭشىگۈچ سۈزگۈچ ئۆزىكى، تورمۇز مېيى ۋە توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئاندىن، پۈتۈن ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش چوقۇم قىلىدىغان تۈر. توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالماشتۇرۇش مۇساپىسى 80 مىڭ كىلومېتىر بولغاچقا، ئالدىنقى 60 مىڭ كىلومېتىر ئىچىدە، تېسلا Model3 كە پەقەت 5900 يۈەن ئاسراش خىراجىتى كېتىدۇ.
BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ ئاسراش تۈرلىرى كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ، ئاپتول سۈزۈش ئۆزىكى، ھاۋا سۈزۈش ئۆزىكى، بېنزىن سۈزۈش ئۆزىكى، سىۋېچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مايدا ماڭىدىغان ئاپتوموبىللاردا بولىدىغان تۈرلەر. ئەڭ ئاخىرىدا، ئالدىنقى 60 مىڭ كىلومېتىردا، BMW3 يۈرۈشلۈكىگە 17 مىڭ 441 يۈەن ئاسراش خىراجىتى خەجلىنىدۇ. تېسلا Model3 كە سېلىشتۇرغاندا، بۇ چىقىم بەكلا كۆپ.
ئېنېرگىيە چىقىمى تېسلا Model3 بىلەن BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ ئاپتوموبىل بېقىش خىراجىتى جەھەتتىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ ئامىل. بۇ ماقالىدە ھېسابلىغاندا، تېسلا Model نىڭ %20 توكى قالغاندا ئاممىۋى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئىشلىتىلگەن، %80 توك بار ئەھۋالدا ئائىلىدىكى زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئىشلىتىلگەن، ئەمەلىي يۈز كىلومېتىرلىق توك سەرپىياتى 15kWh بولغان دەپ پەرەز قىلىندى. شاڭخەينىڭ ئۆلچىمىدىن قارىغاندا، تېسلا دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ ھەققى تەخمىنەن ئىككى يۈەن ھەر كىلوۋات. ئائىلىدىكى زەرەتلەش تۈۋرۈكىنىڭ توك ھەققى 0.6 يۈەن ھەر كىلوۋات. BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ ئەمەلىي يۈز كىلومېتىرلىق ماي سەرپىياتى تەخمىنەن 9L، شاڭخەيدىكى 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 7.15 يۈەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، بىر يىلدا 20 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەن ئەھۋالدا، تېسلا Model3 نىڭ BMW3 يۈرۈشلۈكىگە قارىغاندا 10 مىڭ يۈەنلىك ئېنىرگىيە خىراجىتى تىجەپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز دائىم تېسلا دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكىنى ئىشلەتسىڭىز، ئۇنداقتا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا Model3 نىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تېسلانىڭ ۋاقىت ھالقىتىپ ئورۇن ئىگىلەش خىراجىتىمۇ ئاز پۇل ئەمەس.
ئېنىرگىيە خىراجىتىنىڭ پەرقى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا Model3 نىڭ بېقىش خىراجىتى جەھەتتىكى غەلبىسىنى بەلگىلەپ قويدى. ئەگەر سىزنىڭ بىر يىللىق يول يۈرۈش مۇساپىڭىز 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا تېسلا Model3 نىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭ، تېسلا Model3 نىڭ 100km/h لىك تېزلىككە يېتىشىگە پەقەت 5.6 سېكۇنت كېتىدۇ. BMW325Li نىڭ 100km/h لىك تېزلىككە تەخمىنەن 8 سېكونت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ھەيدەش تەسىراتى جەھەتتىكى پەرقىمۇ ناھايتى چوڭ.
ئەڭ ئاخىرىدا، بىر يىلدا 20 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان تېسلا Model3 نىڭ BMW325Li گە قارىغاندا 13 مىڭ 600 يۈەندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بېقىش خىراجىتى تېجەپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. ئەگەر تېسلا Model3 نىڭ سەككىز يىل ياكى 160 مىڭ كىلومېتىرلىق باتارېيە گۇرۇپپىسى سۈپەت كاپالىتى بويىچە ھېسابلىساق، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە ئۇ سىزگە ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل بېقىش خىراجىتى تېجەپ بېرىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
يۇقىرىدىكى ھېسابنى كۆرگەندىن كېيىن، تېسلا Model3 دىن تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد كۈتەمسىز؟ BMW3 يۈرۈشلۈكىنىڭ باھاسى بىلەن ئوخشاش پۇل خەجلەپ، ئاخىرىدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىمنى تېجەپ قالغاندىن باشقا، يەنە تېخىمۇ كۈچلۈك سۈرئەت تېزلىتىش ۋە تېخىمۇ قويۇق پەن-تېخنىكا تۇيغۇسىغا ئىگە ھەيدەش تەسىراتىغا ئېرىشەلەيسىز، ئاڭلىماققا كىشىنى بەك رازى قىلىدۇ. بىراق ئەگەر سىز ساپ توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ قىممەت ساقلاش نىسبىتىنى ئويلاشسىڭىز، بەلكىم تۇيۇقسىزلا سوۋۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش خامچوتىڭز بولسا، تېسلا Model3 نى تاللامسىز ياكى BMW3 يۈرۈشلۈكىنى تاللامسىز؟