يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
26-ئۆكتەبىر، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى سانائەت رايونىدىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىدىن نۇكلېئىك كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىنماقتا
كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دېگەن نېمە؟ 搜索
بۇ يىل 4-ئايدا، گوۋۇيۈەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى بېسىپ تارقاتقان «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇش قائىدىسى»دە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى (تۆۋەندە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى دېيىلىدۇ)
ئالاقىدار كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى، مەسىلەن قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ئۆزى پەرق قىلالايدىغان ياكى كىلىنىكىدا پەرق ئەتكىلى بولىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە جىسمانىي ئىپادىلىرى بولمىغان، لېكىن نەپەس يولى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئالغان ئەۋرىشكىلەرنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدە تەكشۈرگەندە نەتىجىسى مۇسبەت بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولامدۇ؟
كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە، ئۇلارنىڭ ۋىرۇس تارقىتىش خەۋپ-خەتىرى بار.
ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەتتىكى كىشىلەر مۇداپىئە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟
ئەمەلىيەتتە، مۇداپىئە ئۇسۇللىرى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشايدۇ، يەنى قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقاش ئىنتايىن مۇھىم.
25-ئۆكتەبىر، ماسكا تاقىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى يېكەنكۆل شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىدا سەيلە قىلماقتا.
قولنى توغرا، ئىلمىي ئۇسۇلدا يۇيۇش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ تېجەشلىك ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
27-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋيەن قولنى توغرا يۇيۇش ئۇسۇلى ۋە قول يۇيۇشتىكى بەزى خاتا چۈشەنچىلەر ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى:
قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش كېسەللىك تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، لېكىن «پات-پات يۇيۇش» كۆپ يۇيۇش دېگەنلىك ئەمەس، قول يۇيۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يەنى يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يېيىشتىن بۇرۇن، پۇل تۇتقان، دوختۇرخانىغا بارغان ياكى بىمارلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىشنى تاماملىغان ياكى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، قان، ماڭقا، بەلغەم ۋە شۆلگەي بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، بالىنى كۆتۈرۈش، بالىنى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ۋە بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لىفىتنىڭ تۇتقۇچى، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى تۇتقاندىن كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.
قولنى يۇيغاندا ئادەتتىكىدەكلا يۇيۇپ قويساق بولمايدۇ، چوقۇم تۆۋەندىكىدەك يەتتە قەدەملىك يۇيۇش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك:
1.ئالىقاننى يۇيۇش
ئالىقاننى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ، بارماقلارنى جۈپلەپ، بىر-بىرىگە سۈركەپ ئۇۋۇلايمىز.
2. قولنىڭ دۈمبە تەرىپىدىن بارماقلارنىڭ ئارىلىقىنى يۇيۇش
بىر قولنىڭ ئالىقىنىنى يەنە بىر قولنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ بارماقلارنىڭ ئارىلىقىنى بويلاپ ئۇۋۇلايمىز، ئىككى قولنى ئوخشاش ئۇسۇلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۇيىمىز.
3. ئالىقان تەرەپتىن بارماقلارنىڭ ئارىلىقىنى يۇيۇش
ئىككى ئالىقاننى بىر-بىرىگە قارىمۇقارشى قىلىپ ئىككى قولنى گىرەلەشتۈرۈپ، بارماق ئارىلىقىنى بويلاپ ئۇۋۇلايمىز.
4. بارماقلارنىڭ ئارقا قىسمىنى يۇيۇش
بارماق بوغۇملىرىنى ئېگىپ يېرىم مۇشت ھالىتىدە تۈگۈپ، بارماقلارنىڭ ئارقا قىسمىنى يەنە بىر قولنىڭ ئالىقىنىغا سۈركەپ ئۇۋۇلايمىز، ئىككىلا قولنى ئوخشاش ئۇسۇلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۇيىمىز.
5. باش بارماقنى يۇيۇش
بىر قولدا يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقىنى تۇتۇپ ئۇۋۇلايمىز، ئىككى باش بارماقنى ئوخشاش ئۇسۇلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۇيىمىز.
6. بارماقلارنىڭ ئۇچىنى يۇيۇش
قولنىڭ بارماق بوغۇمىنى ئېگىپ بارماق ئۇچلىرىنى يىغىپ، يەنە بىر ئالىقانغا قويۇپ ئايلاندۇرۇپ ئۇۋۇلايمىز، ئىككىلا قولنى ئوخشاش ئۇسۇلدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۇيىمىز.
7. قول بېغىشىنى يۇيۇش
قول بېغىشىنى ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قىش ۋە ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، بۇ پەسىللەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ.
يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە كېسەللىك ۋاسىتىسىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن مىن شەھەر ئاھالىلىرىگە يۈكسەك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى داۋاملىق ساقلاش، ماسكىنى ئىلمىي تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، ئۆيدە دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، توپلاشماسلىق، باشقىلار بىلەن ئۇچراشقاندا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش، يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى.
چېن مىن مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى كۈز ۋە قىش پەسلىدە كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئالدىنقى مەزگىلدە يېتىلدۈرگەن ياخشى تازىلىق ئادىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشانغانلار، بالىلار ۋە سوزۇلما كېسەل بىمارلىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەل خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەر توپى ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇلار ئادەم زىچ سورۇنلارغا بارماسلىقى، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كىيىم-كېچەكلەرنى قېلىنراق كىيىشى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
ئۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: سىرتقا چىققاندا ئىككى ماسكا ئېلىۋېلىش كېرەك، يەنى بىرىنى تاقىۋېلىش، يەنە بىرىنى زاپاس ئېلىۋېلىپ، ماسكا نەملىشىپ كەتكەندە ياكى بۇلغانغاندا ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش لازىم. سىرتلاردا ماسكىنى ياخشى تاقاش كېرەك، بولۇپمۇ بىر قەدەر چوڭ سورۇنلار(مەسىلەن، ۋوگزال، ئايرودۇرۇم)غا، ئادەم زىچ ياكى شامال ئۆتۈشۈشى ناچار ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ياكى باشقا سورۇنلاردا باشقىلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقاندا ماسكا تاقاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، قولنى پات-پات يۇيۇپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ غىزالانغاندا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، مۇھىتى پاكىز ئاشخانىلارنى تاللاپ غىزالىنىشى كېرەك. غىزالىنىشتىن بۇرۇن قولنى پاكىز يۇيۇش، غىزالانغاندا باشقىلار بىلەن ئارىلىق ساقلاش، قورۇمىلارنى يېگەندە ھەممەيلەن ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان چوكا-قوشۇقلارنى قورۇمىغا سالماستىن ئايرىم چوكا-قوشۇق ئىشلىتىش كېرەك.