بېنزېما بىلەن مېندىنىڭ يېڭى دىئالوگى ئاشكارىلاندى، پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرى خەۋەر بەرمەكتكە

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:جىبوبا تورى

ئىسپان تاراتقۇسى Gol بۈگۈن بېنزېما بىلەن مېندى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى ئاشكارىلىدى، بېنزېما بۇ ۋىدېيودا ۋىنىسىئۇسنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.



ئالدىنقى كۈنى، خانلىق مادرىد ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 2:2 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئوتتۇرا مەيدان ئارام ئېلىش ۋاقتى توشۇپ توپچىلار مەيدانغا قايتماقچى بولغاندا، توپچىلار يولىدىكى تېلېكامېرا بېنزېمانىڭ ۋەتەندېشى مېندى بىلەن قىلىشقان پاراڭلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، شۇ چاغدا بېنزېما مېندىغا سەپدىشى ۋىنىسىئۇسقا پاس بەرمەسلىكنى ئېيتقان. بۇ فرانسىيىلىك ھۇجۇمچى فرانسۇز تىلىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا ئەمدى پاس بەرمە، مەن ئانامنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ بىز بىلەن قەستەن قارشىلىشىۋاتىدۇ».

20201029

سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا بېنزېما ھەقىقەتەن ۋىنىسىئۇسقا پاس بەرمىگەن. فرانسىيە تاراتقۇسى Telefoot ئاشكارىلىغان بۇ خەۋەر ناھايتى چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى، گەرچە بېنزېما بىلەن ۋىنىسىئۇسنىڭ كوللېكتىپى بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى ئالدىراپ بېسىقتۇرىدىغاندەك ئەمەس.

بۈگۈن Gol يەنە بىر ۋىدېيونى ئاشكارىلىدى. ۋىدېيودا، بېنزېمانىڭ ۋىنىسىئۇسنى تېخىمۇ قاتتىق تەنقىدلىگەنلىكى ئايان بولدى. خانلىق مادرىدنىڭ بۇ ھۇجۇمچىسى مېندىغا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق».

مېندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇ توخۇ يۈرەكلىك قىلغان ھامىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ».

«ماركا گېزىتى» نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئىككىيلەننىڭ توپچىلار يولىدىكى شەخسىي دىئالوگى بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توپچىلار ماڭىدىغان يولغا دائىم تېلېكامېرا ئورنىتىپ قويۇلىدۇ، بولۇپمۇ خانلىق مادرىد كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە يېقىن جايدا. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، «ماركا گېزىتى» مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: ۋىنىسىئۇسنىڭ يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى. لېكىن برازىلىيىلىك بۇ ياش ماھىرنىڭ بىر يېرى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇ بەك باتۇر، ئەزەلدىن مەيداندا قورقۇپ تۈگۈلىۋالمايدۇ.