دائىم چارچاشنى بەلكىم بۇ كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:qq.com

خىزمەت، تۇرمۇش بىر قەدەر ئالدىراش بولغاچقا، ھەر بىر ئادەمدە چارچاش ياكى ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى ياكى دائىم ناھايىتى ئاسان ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئالامەتلەرنى ئادەم بەدىنىدىكى بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا زادى قانداق كېسەللىكلەر ئادەمنى دائىم ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن؟
总出现疲劳症状,可能是这些疾病导致的1. قان ئازلىق ئادەم بەدىنىدە ھارغىنلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئادەم بەدىنىدە قان ئازلىق كۆرۈلگەندە بەدەندىكى قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ھەتتا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ. قىزىل قان ئاقسىلى ئوكسىگېن توشۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنداقتا قان ئازلىق بولغاندا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ماغدۇرسىزلىنىش، كۆكرەك سىقىلىش، باش قېيىش، پۇت - قول ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە قان ئازلىقنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا داۋاملىق ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش ۋە ئاسراش كېرەك.
总出现疲劳症状,可能是这些疾病导致的2. بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ زىيادە خوراپ كېتىشى بەدەننىڭ داۋاملىق چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھازىرقى جەمئىيەتتە تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ رېتىمى ناھايىتى تېز، كىشىلەر بۇ خىل يۇقىرى چاستوتىلىق ئىجتىمائىي مۇھىتتا تۇرسا بېسىم تۈپەيلىدىن بەدەننى زىيادە خورىتىشتىن خالىي بولالمايدۇ. كۆپ قېتىم تۈنەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، مېھماندارچىلىققا بېرىپ ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىنىڭ جىسمانىي سەرپىياتىنى نورمال دائىرىدىن ئاشۇرۇپ جىسمانىي كۈچنىڭ زىيادە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن داۋاملىق چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ چېنىقىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن مەسىلەن: چېنىقىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش، زىيادە كۈچەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە زىيادە كۆپ جىسمانىي كۈچ سەرپ قىلىنغاچقا چارچاش، بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
总出现疲劳症状,可能是这些疾病导致的3. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىمارلاردا ئاسانلا چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم سەۋەبى ئېنىق بولمىغان چارچاش كۆرۈلسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە دائىم كۆڭلى ئېلىشىش، دېمى سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ خىل ئالامەتلەر دائىم كۆرۈلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇزاق ئولتۇرىدىغان خىزمەتچىلەر، شۇنداقلا كۈندىلىك چېنىقىشى كەمچىل كىشىلەر توپى بولۇپ، بۇ خىل كىشىلەرنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى تەرتىپلىك بولماسلىق، بەدەن چېنىقتۇرۇشى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن بەدەندىكى قان ئايلىنىشى تۆۋەنلەپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئۆرلەپ كېتىپ، ئاسانلا سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان قەنتى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ.
总出现疲劳症状,可能是这些疾病导致的4. قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەردە ئاسانلا چارچاش كۆرۈلىدۇ.
قالقانسىمان بەز كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلاردا ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلالمىغاندىمۇ چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىدىن قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چىكىنىش، قالقانسىمان بەز ياللۇغى، قالقانسىمان بەز راكى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئېلىپ كەلگەن ھارغىنلىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ئەگەر ئادەم بەدىنىدە ئۇدا چارچاش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، بۇنى بەزى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنتىزىم تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە توغرا كېلىدۇ، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك ـ ئىچمەك قانۇنىيىتى ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق تەنتەربىيە چېنىقىشىنى ساقلاش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىنى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.