لاتارىيەچى قاناسقا ساياھەتكە بېرىپ ئويلىمغان يەردىن 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-29
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇرچىن ناھىيەسى 65430149 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ما ئەپەندى بۇ پونكىتتىن سېتىۋالغان«دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ قۇشۇش» بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، دەل « دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بېرىش» لاتارىيەچى خەلققە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى مەزگىلىى بولغاچقا يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن ما ئەپەندى جەمئىي 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە تۇرپاندىن كەلگەن ما ئەپەندى ئايالىنى ئېلىپ گۈزەل ئالتايغا كەلدى. ما ئەپەندى مۇنداق دېدى: « مەن ساياھەت قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ قېتىم ئاساسلىقى رىۋايەتلەردىكى پانىي دۇنيا دەپ نام ئالغان قاناسنى كۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلدۇق»-دېدى. 10 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ما ئەپەندى قاناستا سەيلە قىلىپ ئويناپ بولغاندىن كېيىن، تاغدىن چۈشۈپ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرچىن ناھىيەسىگە بېرىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. ما ئەپەندى يولغا چىقىشقا يەنە بىر ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى بايقاپ، يېقىن ئەتراپتىكى 65430149 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ ئايلاندى، ئۇ پونكىتقا كىرىپلا «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ قۇشۇش» تەشۋىقات ئېلانىنى كۆردى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مال ساتقۇچىلاردىن 10 مىڭ يۈەنگە 10 مىڭ يۈەن، 100 مىڭ يۈەنگە 100 مىڭ يۈەن ، 1 مىليون يۈەنگە 1 مىليون يۈەن قۇشۇپ بېرەمدۇ ؟؟ دەپ سورىدى. مال ساتقۇچىنىڭ ئېنىق جاۋابىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ما ئەپەندى دەرھال 50 يۈەن چىقىرىپ، بىر   پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئامەت كېلىپ، ئۇ راستىنلا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنى قوشقاندا، جەمئىي 20 مىڭ يۈەن بولدى.

ما ئەپەندى 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم بۇرچىن ناھىيەسى ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، قاناسقا ساياھەتكە بېرىش خىراجىتىمۇ چىقتى، مەن ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم، بۇ ماڭا ئامەت ئېلىپ كەلگەن جاي!»-دېدى.

1.png