پاراۋانلىق لاتارىيەسى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش چوڭ ئائىلىسىدە، ھامان بىر خىل لاتارىيە بېلەت تۈرى سىزنى ھاياجانغا سالىدۇ. 2020 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنغان« ئالتۇندەك چاقىنىغان نۇر» دېگەن 20 يۈەنلىك بېلەت تۈرىنىڭ مۇكاپات سوممىسى مول بۇلۇپلا قالماي، يەنە لاتارىيەچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئاپتوموبىل ئارزۇسىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇلغان، شۇڭلاشقا«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» نۇرغۇن پېشقەدەم لاتارىيەچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا يەنە بىر توپ يېڭى لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلدى.
9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن شياۋ ۋۇ ئايالى بىلەن خوتەن ناھىيەسىدىكى 65320185 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئايالىنى ئېلىپ 65320185 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى، ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بېلەت كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىگە كۆزى چۈشتى ۋە ئاخىرىدا قېلىپ قالغان ئالتە پارچە لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالدى.
لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىغاندا، شياۋۋۇ كۆڭلىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ مۇكاپاتلارنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ، بىر مەھەل« خام خىيال» قىلدى، شياۋۋۇ خوتۇنى بىلەن چاقچاقلىشىپ، كۈلۈشكىنىچە قىرىشقا باشلىدى. ئالدىنقى بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن كىچىك مۇكاپاتلار چىقتى، خوتۇنى يەنىلا ئىچىدە خۇشال بولۇپ، كۆڭلىدە: « زىيان تارتمىدۇق، يامان ئەمەس!» دەپ ئويلىدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىلا قالدى ، قىرىپ بولغاندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن لىنكولىن ماشىنا مۇكاپاتى چىقتى، ئەر-خوتۇن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، مال ساتقۇچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پۇل يۈزىدىكى ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لىنكولىن ماشىنا مۇكاپاتى چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.
29-سېنتەبىر، بۇ ئەر-خوتۇنلار شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. شياۋ ۋۇ خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى: « ئويلىمىغان يەردىن "قىرىپ كۆڭۈل ئېچىش" ئويۇنى ئويناپ "مېنىڭ ئاپتوموبىل ئارزۇيۇم" ئەمەلگە ئاشتى! بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋېلىپ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.»-دېدى.