كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ناچار ئادەتلىرى، مەسىلەن : ئۇزاق مۇددەت تۈنەش، روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇش، ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، چاچ بۈدرە قىلىش، بوياش ۋە يېمەك ـ ئىچمەك ساغلام بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۈك خالتىسىدىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش چاچقا زىيان يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مېنىڭ دوستۇم چاچ چۈشۈش قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسى، مەيلى چاچ يۇيسۇن ياكى تارىسۇن، تارغاق ئۈستى ۋە يەرنى چاچ قاپلاپ كېتىدۇ، بۇ دوستۇم بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يەنە دائىم ساتىراشخانىلارنى ئىزدەپ بېشىنى يۇيدۇرۇپ، نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، شۇنىڭدىمۇ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمايدۇ.
چاچنى كۆپ يۇيۇش چاچ چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى ياخشىلىيالمايدۇ، بەلكىم چاچ يۇيۇشنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن چاچ چۈشۈش ئېغىرلىغان بولۇشى مۇمكىن. سىزگە چاچنى قارا ھەم قويۇق قىلىدىغان ئۈچ خىل چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياي!
بىرىنچى. چاچ يۇيۇش ۋاقتى
نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە ئەتىگەندە چاچ يۇيسا ياخشىمۇ ياكى كەچتە چاچ يۇيسا ياخشىمۇ دېگەننى ئېنىق بىلمەيدۇ، بەزىلەر ئەتىگەندە چاچنى يۇيسا، ئادەمنى سىرتقا چىققاندا روھلۇق ھەم پاكىز قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر كەچتە چاچنى ياخشى يۇيسا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاچنى پاكىز يۇيۇپ، تۈك خالتىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، باش تېرىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئەتىگەن ياكى كەچتە چاچ يۇيۇشتىن قەتىينەزەر، سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چاچنى چوقۇم قۇرۇتۇش، سىرتقا چىققاندا سىرتقى چاڭ ـ توزان ۋە بۇلغىمىلارنىڭ چاپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاچنى قۇرۇتۇش، چاچ ھۆل پېتى ئۇخلاشتىن ساقلىنىش كېرەك، دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچى: چاچ يۇيۇش قېتىم سانى.
بىز چېچىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ چاچ سۈپىتىگە ئاساسەن يۇيۇشىمىز كېرەك، ئوخشىمىغان چاچ سۈپىتىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇيۇش، ئاسراش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، قېتىم سانىمۇ ئوخشىمايدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا چېچى مايلىق كىشىلەر توپى ياز پەسلىدە بىر كۈندە بىر قېتىم، كۈز ۋە قىش پەسلىدە بىر كۈن ئارىلاپ يۇيۇشقا بولىدۇ.
ئوتتۇرا ھال قۇرغاق چاچنى 2 ـ 3 كۈندە بىر قېتىم كۆڭۈل قويۇپ يۇيۇشنى كونترول قىلسا بىر قەدەر ياخشى.
ئۈچىنچى: ئىلمان سۇدا چاچ يۇيۇش
چاچ يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ ياخشىسى 30 - 40 گىرادۇس ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك، بەك ئىسسىق سۇ چاچنى كۆيدۈرۈپ، چاچنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، چاچ ئۈزۈلۈپ كەتسە ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. سوغۇق سۇ تۈك خالتىسىنىڭ يېپىلىشىنى غىدىقلاپ، باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تۆتىنچى: مۆتىدىل چاچ سوپۇنى ئىشلىتىش
كۈچلۈك تازىلاش تەركىبى بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۆتىدىل، غىدىقلىمايدىغان، پاكىز تەركىبلىك چاچ سوپۇن، باش تېرىسىنى چوڭقۇر قاتلامدىن تازىلايدۇ، يەنە باش تېرىسىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ، باش تېرىسىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، باش تېرىسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.
بەشىنچى: چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن...
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال لۆڭگە بىلەن چاچتىكى سۇنى سۈمۈرۈپ قۇرۇتۇش، ئاندىن تارغاق بىلەن رەتلەش، چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتكەندە تېمپېراتۇرىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش، يەنە چاچ بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر چاچ چۈشۈشنى ياخشىلاش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان، مەسىلەن: يېمەكلىك بىلەن داۋالاش، زەنجىۋىل پارچىسى بىلەن باش تېرىسىنى سۈرتۈش قاتارلىقلار، لېكىن بۇنىڭدا ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە توغرا بولغان چاچ يۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، چاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.