ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 0-2 نەتىجىدە بارسېلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى موراتا كىرگۈزگەن ئۈچ توپ ئورۇن ھالقىغان دەپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلگەچكە، بۇ ئىش مۇسابىقىدىن كېيىن نۇرغۇن تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. يۇۋېنتۇس خوجايىنلىرىنىڭ بىرى بولغان لاپو ئېلكان ئالاقە تورىدا نارازىلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ ئالاقە تورىغا «بارسېلونانىڭ 12-توپچىسىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ مەزمۇن يوللاپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
گەرچە سىن ياردەمچى ئارقىلىق موراتانىڭ ئورۇن ھالقىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن لاپو ئېلكاننىڭ بۇ سۆزلىرى بارسېلونانىڭ رېپىر ياردىمىدە غەلىبە قىلغانلىقىدەك گۇماننى پەيدا قىلدى. لاپو ئېلكان جون ئېلكاننىڭ ئىنىسى، يەنى ئاگنېللى جەمەتىنىڭ ئىككىنچى بەگزادىسى، يۇۋېنتۇسنىڭ ئانا شىركىتى فىئات گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋېن دىرىكتورى، شۇنداقلا ئىتالىيەدىكى داڭلىق سۆلەتۋاز بەگزادە.