جورجىنانىڭ ئائىلە ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۇرمۇشى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-30
來源:تېڭشۈن تورى

يېقىندا، يۇۋېنتۇستىكى داڭلىق چولپان كرىستىيانو رونالدونىڭ قىز دوستى جورجىنا يەنە بىر قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئۆزىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئائىلىدە ياخشى ئانا بولۇپ، ھەتتا قىزىغا ئۇن تامىقى تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆگىتەتتى.

ئۆيدە، جورجىنا ئۈستەل ئۈستىدە قىزى بىلەن بىللە تاماق قىلدى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە ئۇن، نوغۇچ قاتارلىق بىر قاتار نەرسىلەرمۇ بار ئىدى. جورجىنانىڭ رەسىمىدىن قارىغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن ئائىلىنى مۇھىم بىلىدىغان ۋە ناھايىتى پەزىلەتلىك ئايال، مېھرىبان ئانا ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رونالدو بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، جورجىنا كىيىنىش، چاچ شەكلىنى چىقىرىش جەھەتتە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، ئۇ يەنە كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇرۇنقى LV دىن ھازىرقى مودا كىيىم ۋاكالەتچىسىگىچە بولغان جەرياندا، جورجىنانىڭ بۇ سۈرەتلىرىمۇ ئىلگىرىكى جەزبىدارلىق ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ، قالتىس ئوبرازلارنى ياراتتى، بۇمۇ كىشىگە ناھايىتى ياخشى تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

جورجىنا ھازىر ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەۋەس قىلىدىغان جەزبىدار بەدەن ھالىتىنى ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ «سەت ئۆردەك چۈجىسى دىن «ئاققۇ»غا ئايلانغانلىقىنى ئېيتقان.

«قۇياش گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جورجىنا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىر ھېكمەتلىك سۆزۈم بار، ئۇ بولسىمۇ مەيلى سىز نېمە ئىش قىلىڭ، مەلۇم دەرىجىدە تەنقىدكە ئۇچرايسىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن رونالدوغا بەك ھەۋەس قىلىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر بىزگە ھەسەت قىلىدۇ، ھەسەتخورلۇق بىر خىل ئىنتايىن ناچار تۇيغۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىدىيەسىنى چىرىتىپ، ئادەمنى ئۈزلۈكسىز چېكىندۈرىدۇ. مەن تۇغۇلغان ۋاقتىمدا سەت ئۆردەك چۈجىسى ئىدىم، ئەينى چاغدا ئاققۇغا ئايلىنىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ھازىر ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.»

شۇنداق، ھازىر جورجىنانىڭ تۇرمۇشىدىن قارىغاندا، ئۇ ھازىر بىردە چوڭ سەھنىلەرگە چىقسا، بىردە ئاشخانىغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىدا ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولدى!