ئىككى ئاي ئىلگىرى جيا بوۋايغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل تاماكىدىن قول ئۈزمىگەچكە، ئۆپكىسى قاپقارا بولۇپ كەتكەن، دۇنيادىن خوشلىشىشتىن بۇرۇن ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھەر قانداق يېمەكلىككە كۆڭلى تارتماس بولۇپ قالغان، يىگەندىن كېيىنلا قۇسىۋەتكەن، قۇسۇق قان ئارىلاش يانغان، چىرايىمۇ قارىداپ كەتكەن، ھەتتا چوڭ تەرىتىمۇ قاپقارا، چوڭ تەرەتمۇ قان ئارىلاش كەلگەن. ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ئۆيدىكىلەرمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز قالغان.
نۇرغۇنلىغان جىگەر راكى بىمارلىرىغا دىياگنوز قويۇلغاندا، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جىگەرنىڭ «گاچا ئەزا» بولغانلىقىدىن، دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، بىمارمۇ جىگەر ئاغرىقىنى ھېس قىلالمايدۇ، شۇڭا تەكشۈرۈپلا جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.
بەدەننىڭ ئىككى يېرى قارىداپ كەتسە، بۇ جىگەر راكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
ماۋ يىلېي(毛一雷) پىروفېسسور تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «1992-يىلى ئېلىمىزنىڭ 2-قېتىملىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى قان زەردابى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈشىدە، كىشىلەر توپىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ئېلىپ يۈرۈش نىسبىتى %9.75كە كۆپىيىپ، %10كە يېقىنلاشقان، بۇ 10 ئادەمنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن بىرىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىگە باراۋەر.»
1. يۈز قىسمى قارىداش
بۇ خىل يۈز قىسمىنىڭ قارىداپ كېتىش ئالامىتى جىگەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ بىرى، چۈنكى جىگەر ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن مېتابولىزم ئىقتىدارىنى ئوينايدۇ، جىگەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغاندا، بىر قىسىم ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلايدۇ ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جىگەرنىڭ تۆمۈرگە بولغان مېتابولىزمى ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، يەنى قاندىكى كۆپ مىقداردىكى تۆمۈر ئېلېمېنتى ۋە كالتسىي مېتابولىزمغا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ يۈز تېرىسىدە نامايان بولۇپ، ئادەمنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ.
2. تىرناق قارىداپ كېتىش.
بارماقمۇ ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بولۇپمۇ بارماق ۋە قول تىرناقلىرىدا قارا ياكى قارا سىزىقچىلار پەيدا بولغاندا، بۇ ئەمەلىيەتتە جىگەردىكى زەھەرنىڭ سىرتقى يۈزىگە چۈكۈپ يىغىلىپ قالغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، جىگەر راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدا يەنە بىر قىسىم تىپىك ئالامەتلەر بار، مەسىلەن: B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، %80 جىگەر راكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردىن ئۆزگىرىدۇ.
بىر قىسىم بىمارلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، خاتا ھالدا «ئاشقازان كېسىلى»نىڭ ئالامىتى دەپ خاتا قاراپ قالغاچقا، جىگەر كېسىلىنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ ئادەتتە دائىم ھاراق ئىچىدىغان، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ياكى ئۆت يولى كېسەللىك تارىخى بار بىمارلار تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى جىگەر كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، بەدەننىڭ باشقا جايلىرىنىڭ قارىداپ كېتىشىمۇ ئەمەلىيەتتە ئوخشىمىغان راك كېسىلىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان بەدەن قىسمىنىڭ قارىداپ قېلىشى ئوخشاش بولمىغان راك كېسىلىنىڭ سىگنالى
1. چىش قارىداش
چىشنىڭ قارىداپ قېلىشى، ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دائىم تاماكا چېكىدىغان ئادەمنىڭ چىشى ئاستا ـ ئاستا ساغلام سۇس سېرىق رەڭدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت يىغىلىپ قالغان بۇ ئۆزگىرىشلەرمۇ راكنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: ئېغىز بوشلۇقى راكى ياكى ئۆپكە راكى.
2. قارا مەڭ.
بەزى كىشىلەردە تۇغما قارا مەڭلەر بار، بۇ مەڭلەر چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ، دائىرە بويىچە پەيدا بولىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ قارا مەڭلەر يامانلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەڭ يوغىناش ياكى تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بولۇپمۇ ئاسانلا سۈركىلىشىدىغان ئورۇنلاردا، مەسىلەن: پۇت، قول قاتارلىق ئورۇندا كۆرۈلسە، راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
3. چوڭ تەرەت قارىداپ كېتىش.
ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت قەۋزىيەت بولۇش، تەرەت قىلىش قىيىن بولۇش، چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىش، چوڭ تەرەت قارىداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ ئۈچەي يولىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت داۋالانمىغاندا ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىگەرنى ئاسراشتىن باشلىنىدۇ
راك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ كەينىدە بىمارنىڭ ئەزالىرىنى ئاسرىماسلىق بار، بىمار كېسەلگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەنى بەزى كىچىك يوشۇرۇن خەۋپلەرگە نىسبەتەن بەرىبىر پوزىتسىيە تۇتقاچقىلا ئاندىن راك كېسىلىنى ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ، دەل، ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن مۇھىم بولغاچقا جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىگەرنى ئاسراشتىن باشلاش كېرەك.
بىر ئادەمنىڭ جىگىرى ساغلام بولمىسا، ئادەم دائىم ئاچچىقلىنىپ، كەيپىياتى كونتروللۇقىنى يوقىتىپلا قالماي، قان ۋە يەل راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەرنى ئاسراشتا بولسا ئادەتتىكى يېمەك ـ ئىچمەك جەھەتتىن تەڭشەشكە بولىدۇ، مەسىلەن: چىلان، قارا بۇغداي، كەرەپشە، ئوسۇڭ قاتارلىق تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
يېمەك ـ ئىچمەكنى تەڭشەشتىن باشقا، ئادەتتە بىزمۇ ھاراقنى ئاز ئىچىشىمىز، تاماكا چەكمەسلىكىمىز، مايدا پىشۇرۇلغان، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشىمىز كېرەك.
ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئاچچىقلىنىشنى ئازايتىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىش، بەك چارچاپ كەتمەسلىك، جىگەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
جىگەر ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان ئەزا، بىز ئۇنى «بۇزغاندىن» كېيىن ئاندىن ئاسراشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتىمىز، لېكىن بەكمۇ كېچىكىمىز، شۇڭا بەدەندە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، جىگەر كېسىلى بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى قەرەللىك ھالدا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك.