​قەشقەر بۇ ئىشنى قانداق قىلالىدى ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-30
來源:تېڭشۈن تورى

27-ئۆكتەبىر سائەت 17 گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە 4 مىليون 746 مىڭ 500 كىشىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى. بۇنىڭ بىلەن تۆت كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئومۇمىي خەلق نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان. ئۇنداقتا قەشقەر ۋىلايىتى بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى؟

رەيھانگۈل قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 24-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان 15 كىشىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى نۆۋەتلىشىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قوللىنىپ، ئاممىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ كۈندىلىك تەكشۈرۈش مىقدارى مىڭ كىشىدىن ئاشقان. پۈتكۈل تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەترەت ئەزالىرى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، قوغدىنىش كىيىمى، كۆز ئاسراش ئەينىكى، نىقاب ۋە ئۈچ قەۋەت ئېمۇلسىيە پەلىيى تاقاپ، تەكشۈرۈشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

تېببىي خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، 26-ئۆكتەبىر سائەت 16 گىچە كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان 245 مىڭ 200 كىشىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق تاماملانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 24 ـ ئۆكتەبىر ئاقسۇ، خوتەن، بايىنغولىن، سانجى قاتارلىق جايلاردىن ئەۋەتىلگەن 1000 غا يېقىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىمۇ قەشقەر ۋىلايىتىگە جىددىي ياردەمگە بارغان.

جايلار ياردەم بېرىش، تەكشۈرۈش قوشۇنى ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندى. 25-ئۆكتەبىر، قەشقەر ۋىلايىتىگە بىر كۈندىلا 610 مىڭ ئادەمنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قوشۇن كۆپەيدى؛ بۇنىڭ بىلەن 27-ئۆكتەبىر سائەت 17 گىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك بولغان 4 مىليون 746 مىڭ 500 كىشىنىڭ ھەممىسى تولۇق تەكشۈرۈلۈپ بولدى.

نۆۋەتتە، نەچچە مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش قوشۇنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12 ناھىيە، شەھەرگە تارقالغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تەلىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئاتلاندى.