ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى: 10-ئاينىڭ 29-كۈنى يۇۋېنتۇس بىلەن بارسېلونانىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتۈپ كەتكىلى بىر كۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىنكىرىستىيانورونالدو مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى پاسسىپ سۆزى يەنىلا بېسىقمايۋاتىدۇ. گەرچە كىرىستىيانو رونالدو ئىنتېرنېتنىڭ ئۇنىڭغا بۇنداق باھا بېرىشىنى كۆرۈپ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، دەرھال بۇ ئىنكاسنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاممىنىڭ ئۇنىڭ خاتا ئىپادە بىلدۈرۈشى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى توسۇشقا ئامالسىز قالغان. رونالدونىڭ مۇنازىرە قوزغىغان ، تىلغا قالدۇرغان سۆزى : (يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇق گەپ)
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىتالىيەلىك ۋىرۇسشۇناس روبېرتو بېللىئونى ماقالە ئېلان قىلىپ، كىرىستىيانو رونالدونى مەسخىرە قىلغان بولۇپ، بۇ گەپكە ھەتتا كىرىستىيانو رونالدومۇ قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
ئوخشاش بىر كۈندە، ئوخشىمىغان ساھەدىكى ، يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە يەنە بىر مۇتەخەسسىسمۇ كىرىستىيانو رونالدونى تەنقىد قىلدى. بۇ ئىتالىيەنىڭ پادوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن مىكرو بىيولوگىيە پىروفېسسورى كىرىسانتى بولۇپ، ئۇ مەسخىرە قىلماستىن، بىۋاسىتە ھالدا كىرىستىيانو رونالدونى ساپاسىز دەپ تەنقىد قىلغان.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ سۆزى بەك ساددىلىق بىلەن ئېيتىلغان ، يۈزەكى ھەم باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىگەن. نۇرغۇن كىشىلەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئەتراپىدىكى ئۇچراشقۇچىلارنىڭ خاتا قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە دۇنيادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرى مەستانىسى ئەڭ كۆپ ئابونت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە كوللېكتىپ، كۇلۇب ھەتتا جامائەت ئەربابى قاتارلىق توپلارغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ سۆزلىرى نۇرغۇنلىغان كىچىك دوستلارنى يامان ئۆگىتىپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشى ئەمەس. رونالدو ئوخشىمىغان ساھەدىكىلەر تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن، مەسىلەن تورىن سەھىيە تارماقلىرى، ئىتالىيە تەنتەربىيە مىنىستىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى، لېكىن ئۇ يەنىلا مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتمىگەن.
ھازىر كىرىستىيانو رونالدو توردا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ گەرچە بۇ قېتىمقى سۆزىدە ئىلىم-پەنگە زەربە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق توپ تېپىش ئۈچۈن يەنىلا تەرتىپ بويىچە مېڭىشى كېرەك. بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا بۇ قائىدىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ شۇنچە غەزەپلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ئۆزىنى دۇنيانى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدۇم دەپ قارىغان، ئۇ ئەسلىدە مېسسى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايتتى. نېمىشقا كىرىستىيانو رونالدو مېسسى بىلەن مۇسابىقىلەشسىلا دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ يېقىن كىشىمۇ چۈشەندۈرمىدى.
نۆۋەتتە، كىرىستىيانو رونالدو يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلىئېك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر ئۆلچەمگە يەتسە، ئۇ كېيىنكى مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدۇ. يۇۋۇنتۇسنىڭ يېقىنقى ھالىتى ئادەتتىكىچە، ئىتالىيە كوماندىسى ئاجىز كوماندىدىنمۇ يېڭىلىپ قالغان ئەھۋال بار ، ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ قاتنىشالماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم سەۋەب. كېيىن، يۇۋېنتۇسنىڭ رەقىبى سىپىزىيا، فېرېنسۋاروس ۋە لازىئو بولۇپ، ئەگەر كىرىستىيانو رونالدو ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلىسە، بىر قېتىملىق ئۇدا ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىشىمۇ چوڭ ئېھتىماللىق بولۇپ قالىدۇ. لازىئومۇ بىر رەقىپ، قالغان ئىككى كوماندىنىڭ يۇۋىنتۇسقا قارىغاندا ئەمەلىي كۈچى خېلىلا ئاجىز.
ئەگەر مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق قاتنىشالىغان بولسا، كىرىستىيانو رونالدو بۇ قېتىملىق ھادىسە ئېلىپ كەلگەن ساۋاقنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك ئىدى.
بىرىنچىدىن، بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىش كېرەك، قائىدىگە خالىغانچە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا جامائەت پىكرى تەرىپىدىن قارشى تۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئەھمىيەت بېرىشتە بىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەلچىسى سالاھىيىتىگە تايانماسلىق ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە ئىدىيە ۋە ھەركەت جەھەتتىن ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئېنىقلانغۇچىنىڭ ۋاسىتىلىك ئۇچراشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، چوقۇم ئايرىۋېتىشنى ياخشى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا نوكلىئېككىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدو يەنە بۇ ئۇسۇلغا زەربە بېرىشىگە بولمايدۇ.
كىرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى
كىرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، گەرچە پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپان بەك كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان ھېلىقى سەت گەپنى توردىن چىقىرىۋەتكەن بولسىمۇ: PCRis bullshitt (يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇق گەپ) ، بۇ ئۇنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىشىنى توسقانۋىرۇسنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، مېدىتسىنانىڭ نوپۇزىغا بولغان ئىغۋاگەرچىلىك.
Felling good and healthy! Forza Juve; Forza Juve « مەن ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى ساغلام، يوۋۋېنتۇس غەيرەت قىل» .
ھېلىقى سەت گەپ ئەسلىدە بىرىنچى ئېغىز گەپتىن كېيىن، يوللغان ئىنكاس شەكلىدىكى سۆز بولۇپ ، جامائەت پىكرى داۋالغۇشىنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن چىقىرىۋېتىلگەن، لېكىن تەسىرى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئىتالىيە تېببىي ساھەسى ۋە جەمئىيەت ساھەسىدە زور بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىتالىيە تېببىي ساھەسىدىكى ئۈچ زات رونالدونى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ئالدى بىلەن ۋىرۇسشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى برىئونى مەسخىرە قىلىپ: « كىرىستىيانو رونالدونىمۇ ۋىرۇسشۇناسلار قاتارىغا قوشۇۋېلىشنى قارشى ئالىمىز، كېيىن نادان ئامما بىلەن بولغان جەڭدە ئۇ ئەسقاتىدۇ» دېگەن.
ئارقىدىنلا مىلان ساركوزى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماسمو گالى مۇنداق دېدى: « كىرىستىيانو رونالدو شۇنچە ياش، كۈچلۈك ھەم باي بولۇپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى باسقۇچتىكى يۇقۇمنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالماسلىقى ناھايىتى كۈلكىلىك ئىش. رونالدوغا ئوخشاش بۇنداق كۆپ ئەگەشكۈچىگە ئىگە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان جامائەت پىكرى ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلار، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىقى، يەنە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماسلىقى كېرەك!
ئاندىن پادوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىكرو بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى كېررىساندى: « كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۇنداق جۆيلۈشلىرى پەقەت ئۇنىڭ بەك يۈزەكى بىلىمگە ئېگە ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ۋىرۇسنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نەمە بىلجىرلامدۇ؟ بەك كۆپ ئادەم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلىمىشى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدى، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىڭ! » دېدى.
غالى رونالدونى تەنقىد قىلىپ: ۋەزىيەت ناھايىتى ناچار، يەنە قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!
يۇۋېنتۇسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نېدۋېد مۇنداق دېدى: « ئاڭلىشىمچە بۇ ئىش، بىرىنچى ئىنكاسىم، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىش كېرەك، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ، بارسېلوناغا بولغان بۇنداق كەسكىن جەڭگە قاتناشماسلىقنى خالىمايدۇ. مەن پەقەت مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەيمەن.
كىرىستىيانو رونالدو مېسسى بىلەن بۇ قېتىم جەڭگە چۈشەلمىدى، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇسنى يەڭدى، ئىككى كۇلۇب ئورگان تەرەپ تىۋىتتىر ئارقىلىق بايانات چىقاردى ، بارسېلونا كوماندىسى ئالدى بىلەن: « سىلەرنىڭ توپ مەيدانىڭلاردا تارىختىكى ئەڭ ياخشى توپچىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلىكىڭلاردىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق! دەپ مېسسىنىڭ رەسىمىنى قۇشۇپ ، يۇنۋېنتۇسنى تىلغا ئېلىپ سۆز يوللىدى .
يۇۋېنتۇس تەرەپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ: « سىلەر پۇتبول لۇغىتىنى خاتا ئاختۇرۇپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىز نوكەمپۇغا ھەقىقىي تارىختىكى ئەڭ نوچى پۇتبولچىنى ئېلىپ بېرىپ سىلەرگە كۆرسىتىپ قويىمىز دېدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ ئۇچرىشىشى ھازىرنىڭ ئۈزىدە قانچىلىك قىزىقىش قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ ، ئەلۋەتتە يۇنۋېتۇسنىڭ باش دىرېكتورمۇ تېزرەك مەيدانغا چىقىپ گەپ قىلىشى كېرەك.
« مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، يۇۋېنتۇستا كىرىستىيانو رونالدونىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەندە ئۇتۇش نىسبىتى% 67 بولغان، ئەكسىچە بولغاندا% 55 كە چۈشكەن.
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ پەرقى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدو بار ھالەتتە ئۇتۇش نىسبىتى% 73 بولۇپ، 7-چىسلا% 50 كە چۈشۈپلا قالماي، ئاران يېرىم مەيدان يىڭەلەيدىكەن.
ئۇنتۇپ قالماڭ، يۇۋېنتۇسنىڭ ئالدىنقى ئىككى پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئالتە مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ ھەممىسىنى كىرىستىيانو رونالدو بىر ئادەم ئۈستىگە ئېلىپ كىرگۈزگەن بولۇپ ،يۇۋېنتۇسقا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ كىرىستىيانو رونالدو بولمىسا بولمايدۇ .
来源:腾讯网
监制:麦提江
审稿:阿米娜
稿子:麦提江
www.alkuyi.com