10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، 3D ئويۇنىنىڭ 2020227 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى «356» بولدى، شۇ كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئارال شەھىرى 65298095 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى يۈ ئەپەندى 3D ئويۇنىنىڭ شۇ قارارلىق 65 ھەسسىلىك يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 87 مىڭ 100 يۈەن بولدى، 65298095 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئۇ ئەڭ كۆپ بارىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى، شۇنداقلا ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جاي، يۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇ يەردە ياخشى بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتۋېلىش كەيپىياتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ئۇستاز ھەم دوست بولغان مال ساتقۇچى بار.»-دېدى.
«ئادەتتە مال ساتقۇچى تەۋسىيە قىلغان نومۇرلارنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، شۇڭا نۇرغۇن كونا خېرىدارلار بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا يىغىلدى. بەزىدە مەن نۇمۇر ئويلاپ بۇلالماي قالغا ۋاقىتلاردا، ئۇ ماڭا ياردەم قىلىپ ئويلاپ بېرىدۇ، يەنە تېخى ماڭا مۇكاپات ئېلىپ بېرىدۇ!» ـــ دېدى يۈ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، يۈ ئەپەندى يەنە 65298095 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، بېكەتتىكى مال ساتقۇچى خادىم بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئىككىيلەن يۆنىلىش خەرىتىسىدىن يېقىنقى مەزگىلدىكى 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى. يۈ ئەپەندى كۆپ يىللىق پاراۋانلىق لاتارىيە ئويناش تەجرىبىسى ۋە ئادىتىگە تايىنىپ، ئون قېتىمغا يېقىن مۇكاپات تارقىتىش نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن نومۇر تاللىماقچى بولدى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلىغىنى جۈپ نومۇر ئىدى، چۈنكى يېقىندا جۈپ نومۇر ئاز چىقمىغاچقا، جۈپ نومۇرنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئاندىن ئۇ يۆنىلىش خەرىتىسىدىن، يېقىندا دائىم پەيدا بولىدىغان نومۇر ۋە چۈشۈپ قالغان نومۇرلارنى كۆزىتىپ، كۆڭلىدە سان پەيدا بولدى. قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، ئىككىيلەن مۇزاكىرلىشىپ قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، يۈ ئەپەندى«0369» ، «258»دىن ئىبارەت بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ نومۇرنى تاللاپ 65 ھەسسىلەپ دو تىكتى.
10 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى باشلانغان شىنجاڭ رايونىدىكى 3D ئويۇنى مۇكاپات قۇشۇش پائالىيىتىگە توغرا كەلگەچكە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاللاش مۇكاپاتىنىڭ ھەر بىر ئىزاھاتىغا 300 يۈەن، ئەڭ ئاخىرىدا يۈ ئەپەندى جەمئىي 87 مىڭ 100 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، يۈ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگەن « نومۇر» ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەدرىجىي جۇغلانغان تەجرىبىلەر، شۇڭا لاتارىيەدە چىڭ تۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم.»-دېدى.