كرىستىيانو رونالدو مارادونانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ، سىز بىرىنچى ئەمما مېنىڭ كەينىمدە دېدى

2020-11-01
來源:



30-ئۆكتەبىر دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى تەۋرىمەس ئورۇن ۋە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە پۇتبول پادىشاھى مارادونانىڭ 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، بۇ كۈنى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى پېلېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭدار پېشقەدەملەر كەينى-كەينىدىن ئالاقە تورىدا مارادونانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلۇقلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يېڭىلا يۇقۇمدىن ساقايغان پورتۇگالىيەلىك پۇتبول چولپىنى كرىستىيانو رونالدومۇ شۇ قاتاردا بۇرۇن سىنغا ئېلىپ تەييارلاپ قويغان سىن فىلىمى بىلەن مارادونانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، رونالدو سىن فىلىمىدە مۇنداق دېگەن:

2020103123255246615.jpg

«دېگو ياخشىمۇسىز؟ كومبىيە ئۇسسۇل مۇزىكىسىدىن ئازراق ئاڭلاپ قويۇڭ، 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن، بارلىق ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن بۇرادەر، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن، تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىڭ، سىزنى قۇچاقلاپ قوياي»

سىن فىلىمىنىڭ ئاخىرىدا كرىستىيانو رونالدو كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:

«سىز بىرىنچى ئەمما Bicho نىڭ كەينىدە»

كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە «Bicho» ئۇنىڭ لەقىمى ئىكەن.