«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئالتە يىل بولدى

爱酷艺网
2020-11-01
來源:nur

ھەربىي بازا، دۆلەت ئورگىنى، مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئورۇن... كىم يوشۇرۇنىۋېلىپ يوشۇرۇن پۇرسەت تېپىپ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى كۆزەتتى؟ تېررورلۇق ھۇجۇمى، رەڭلىك ئىنقىلاب، بىئوخىمىيىلىك كرىزىس، قارىماققا بۇ سۆزلەر بىزدىن يىراقتەك تۇرسىمۇ، شەكىلسىز قارا قول باشتىن-ئاخىر قۇتراشقا باشلىدى. بىراق بۇنى كۆرۈپ ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى مۇنداق بىر توپ ئادەملەر بار، ئۇلار قولىغا «شەمشەر» ئېلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى بىر-بىرلەپ يانجىپ تاشلىدى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىق خاتىرە كۈنى. تۆۋەندىكى ۋىدېيودا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانداق قىلىپ دۈشمەننى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ؟ قانداق قىلىپ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قازىنىدۇ؟ دېگەنلەر سۆزلىنىدۇ.



يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەپ-دىتاللارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى كۈنسېرى چېگرا سىرتىدا دۆلىتىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش ۋە ئاخباراتنى تىڭ-تىڭلاشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزگە توردا ھۇجۇم قىلىپ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلايدىغانلاردىن مەخسۇس چېگرا سىرتىدىكى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى، چېگرا سىرتىدىكى شىركەت، خاككېر (قەستكار) تەشكىلاتى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۇلار «ياغاچ ئات ۋىرۇسى» (木马邮件) ئېلىكتىرونلۇق يوللانمىسى يوللاش، «بېلىق تۇتۇش» (钓鱼邮件) پوچتا يوللانمىسى يوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئازدۇرۇپ، يىراق مۇساپىلىك كونتىرول قىلىش ئارقىلىق سىڭىپ كىرىپ، تەمىنلەش زەنجىرىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىدى.

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئورۇن دۆلىتىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ھەربىي سانائەت ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارغا چېتىلىدۇ. ھۇجۇمغا ئۇچراش نىشانى دۆلىتىمىزدىكى مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق مۇھىم ئورۇنلارنىڭ كومپيۇتېر تور ئۈسكۈنىلىرى، مۇھىم خادىملارنىڭ كومپيۇتېر، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ساندۇقى، يان تېلېفونى، ھەتتا تېلېگراف، ئېنېرگىيە، قاتناش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەخپىيەتلىك بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكىتى ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم دۆلەتلەر پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، ئاتالمىش «جۇڭگو تورى مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلىدى» دېگەننى داۋاملىق بۇرمىلاپ، دۆلىتىمىزگە ھەدەپ قارا سۈركىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار چېگرا سىرتىدىكى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك دۆلەت جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى «ساياھەت ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئىلتىماس جەدۋىلى»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا دىياگنوز قويۇش تەدبىرى» قاتارلىق باش تېمىلىق ياغاچ ئات ۋىرۇسى ئېلىكتىرونلۇق يوللانمىلىرىنى تۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق سىستېمىسى، داۋالاش تەتقىقات ئاپپاراتى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق نەچچە يۈز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىق ئورۇنلىرىغا 50 قېتىمدىن ئارتۇق كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قوزغاپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى «بىرىنچى قول ماتېرىيالى»نى ئوغرىلىماقچى بولدى. بۇ تور ھۇجۇمى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت مەخپىيىتى، بىخەتەرلىكى ۋە تور بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلدى.

مەلۇم چېگرا سىرتىدىكى پەن ـ تېخنىكا شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىدىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىدى.

مەلۇم غەرب دۆلىتىدىكى پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان يۇمشاق دېتالدا سانلىق مەلۇمات توپلاش بۆلىكى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئالاھىدە شارائىتتا «قېتىپ قىلىش» كاشىلىسىنى پەيدا قىلىپ، ئابۇنىچى تەھرىرلىۋاتقان قۇرۇلۇش ھۆججىتىنىڭ پارامېتىرى، چېرتيوژ ئەسلى كودى، ئېكران كەسمە سۈرىتى قاتارلىقلارنى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ ھەمدە يۇمشاق دېتالنىڭ «خاتا دوكلات» مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چېگرا سىرتىدىكى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ، يەتكۈزۈش تاماملانغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئىزلارنى دەرھال ئاپتوماتىك ئۆچۈرىدۇ، ئابۇنىچى بۇنى قىلچە بىلمەيدۇ. بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنى قانۇنسىز توپلاش قىلمىشى ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ سودا مەخپىيەتلىكى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، بىز ھەر بىرىمىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاڭلىق ياخشى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلايلى !

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى ۋە ئىزچىللاشتۇرايلى!
سىياسىي بىخەتەرلىك، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى، ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك

مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن-تېخنىكا بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى
ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، بايلىق بىخەتەرلىكى، يادرو بىخەتەرلىكى، ﭼﻪت ﺋﻪلدىكى ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت بىخەتەرلىكى
جانلىقلار بىخەتەرلىكى، ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى، قۇتۇپ بىخەتەرلىكى، چوڭقۇر دېڭىز بىخەتەرلىكى.

سىياسىي بىخەتەرلىك

سىياسىي بىخەتەرلىك دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ يادروسى ھاكىمىيەت بىخەتەرلىكى ۋە تۈزۈم بىخەتەرلىكى.

دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى

زېمىن، تەبىئىي بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۆلەت زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى كۆزدە تۇتىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە چېگرا رايون، چېگرانىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىق ياكى تەھدىتكە ئۇچرىماسلىق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكى

دۆلەت تاشقى ھەربىي تاجاۋۇزچىلىققا ۋە ئۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان ھالەت، شۇنداقلا بۇ سىجىل بىخەتەر ھالەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى.

ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك

بۇنىڭ يادروسى سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ چىڭ قائىدە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە ئىچكى-تاشقى تۈرلۈك زەربە ۋە تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. تۈرلۈك زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق كېرەك.

مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى

مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى. مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى بىر دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ نىسپىي ھالدا خەتەر ۋە ئىچكى-تاشقى تەھدىتكە ئۇچرىماسلىق ھالىتىدە تۇرۇش ھەمدە سىجىل بىخەتەرلىك ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

جەمئىيەت بىخەتەرلىكى

جىنايەتكە زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا چېتىلىدۇ، ھەم ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

پەن-تېخنىكا بىخەتەرلىكى

پەن ـ تېخنىكا سىستېمىسى مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرىدىكى يادرولۇق تېخنىكا بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكى تاشقى پەن ـ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمايدۇ، شۇنداقلا سىجىل بىخەتەر ھالەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

تور بىخەتەرلىكى

بۈگۈنكى دۇنيادا ئالاقە تورى ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئالاقە تورى دۇنيانى «يەر شارى كەنتى» گە ئايلاندۇردى، تور بوشلۇقى قۇرۇقلۇق، دېڭىز-ئوكيان، ئاسمان، ئالەم بوشلۇقى بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ يېڭى ساھەسىگە ئايلاندى. دۇنيا مىقياسىدا شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، توردا يوشۇرۇن ئاڭلاش، توردا ھۇجۇم قىلىش، توردا تېررورلۇق قىلىش قاتارلىقلار پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندى.

ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى

بىر دۆلەتنىڭ دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولىدىغان بىر قەدەر مۇكەممەل، تەھدىتكە ئۇچرىمايدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ھەمدە ئىچكى-تاشقى ئېغىر ئېكولوگىيە مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.

بايلىق بىخەتەرلىكى

بايلىق ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئاساسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل. دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بايلىقنىڭ تۈزۈلۈشى سۇ بايلىقى، ئېنېرگىيە بايلىقى، يەر بايلىقى، قېزىلما بايلىق قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يادرو بىخەتەرلىكى

يادرو تەھدىتى ۋە يادرو ھۇجۇمى، يادرو جىنايىتى، يادرو ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يادرو خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاخىرىدا يادرو قورالى بولمىغان دۇنيانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرتى ئاستىدا، يادرو ماتېرىيالى، يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

ﭼﻪت ﺋﻪلدىكى ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﻰ

ئاساسلىقى چەت ئەلدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكى، دېڭىز ئۈستى ئىستراتېگىيەلىك يولى ۋە چەت ئەلدىكى پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ﭼﻪت ﺋﻪلدىكى ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﻰ كۈنسېرى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولماقتا.

جانلىقلار بىخەتەرلىكى

ئومۇمەن دۆلەتنىڭ بىئولوگىيىلىك ئامىل ۋە ئالاقىدار خەۋپ-خەتەر ئامىلىنىڭ تەسىرى، تەھدىتى ۋە زىيىنىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، جامائەت ساغلاملىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىق بىخەتەرلىك ۋە مەنپەئەت ھالىتى ۋە ئىقتىدارىنى قوغداش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى، قۇتۇپ بىخەتەرلىكى، چوڭقۇر دېڭىز بىخەتەرلىكى