بۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ %95ى بېيجىڭ ۋە چىڭخۇا داشۆسىگە ئۆتىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-11-01
來源:بەيدۇتورى

نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپى زۇڭلى جوۋ ئېنلەينىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1963-يىلى قۇرۇلغان، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى چەتئەل تىلى مەكتىپى، شۇنداقلا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ.
بۇ مەكتەپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، مول ساپا مائارىپى ۋە خەلقئارا ئالاقە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن داڭلىق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە چەتئەل تىلى مەكتەپلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا بېيجىڭ داشۆنىڭ «مەكتەپ مۇدىرى ئۆز نامى بىلەن كۆرسىتىش تۈزۈمى» ۋە چىڭخۇا داشۆنىڭ «باشلامچى بولۇش پىلانى» بويىچە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى.

绝大多数人不用高考,一本上线率100%,这是什么神仙学校?

نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپى شۇ جايدا ناھايىتى داڭلىق، شۇ جايدىكى چىڭخۇا، بېيجىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بۆشۈك. ھەر يىلى %95 ئوقۇغۇچىنى ئىمتىھانسىز بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ ۋە چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. قالغان ئاز بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.
نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بار، مەكتەپ چەتئەل تىلىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ساپا مائارىپىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىمتىھانسىز ھالدا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چەتئەل تىلى كەسپىگە ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بار. نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ، پۈتۈن شەھەرگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ. مەيلى مەكتەپ رايونى بولسۇن بولمىسۇن، بۇ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ئومۇمىي پەندىكى نەتىجىسى ياخشى بولۇپلا قالماي، چەتئەل تىلىمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك.

مەسىلەن، نەنجىڭ چەتئەل مەكتىپىنىڭ 2015-نۆۋەتلىك تولۇق 3-يىللىقىدا جەمئىي 482 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 166 ئوقۇغۇچى ئىمتىھانسىز ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى 985 ئالىي مەكتەپلىرىگە ئەۋەتىلدى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار 295 بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاران 21 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى تۈركۈمگە ئۆتۈپ، بىرىنچى تۈركۈمگە ئۆتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى. 2016 يىلى تولۇق 3-يىللىقتا جەمئىي 491 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، 485 ئوقۇغۇچى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ئاخىرىدا ئاران ئالتە ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى بېيجىڭ داشۆ، فۇدەن داشۆ، نەنخەي داشۆ، جېجياڭ داشۆ قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى %100 بولدى.

绝大多数人不用高考,一本上线率100%,这是什么神仙学校?

ھەر يىلىدىكى نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تىزىملىكى ئېلان قىلىنىشىنى ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ. جياڭسۇدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىگە ئۆتۈش سانى مەكتەپ رايونىدىكى ئۆيلەرنىڭ قىممىتىنى بىۋاستە بەلگىلىدى. بۇ ئەتراپتىكى ئۆي ئىگىلىرى پوچى ئولتۇرۇپ باھا قويىدۇ.

نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن بالىلارنىڭ نەتىجىسى ئاساسىي جەھەتتىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانغا باراۋەر. ئەلۋەتتە بۇ مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزىمۇ ناھايىتى مۇنەۋۋەر. نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنىڭ مەملىكەت بويىچە بۇنچە داڭلىق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب يەنىلا ئوقۇغۇچى مەنبەسى. ھەر يىلى تولۇق ئوتتۇرا يىللىقىدا ھەر بىر سىنىپتا 50تىن 65كىچە ئوقۇغۇچى بار، ئۈچ يىللىق، ھەر بىر يىللىقتا سەككىز سىنىپ، ھەر بىر يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار 500 ئەتراپىدا بولىدۇ.

نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىنىش ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ھەقىقىي قاتنىشىدىغانلار ئىنتايىن ئاز.
مەسىلەن، 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 500 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئىچىدە، ئاخىرىدا ئاران 52 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىرىنچى تۈركۈمگە ئۆتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى، 52 ئوقۇغۇچى بىرىنچى تۈركۈمنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپلەر نۇمۇر سىزىقىغا يەتتى.

ئادەتتىكى مائاشلىق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىگە ئۆتكەن تەقدىردىمۇ، مەكتەپكە كىرەلىشى ناتايىن. چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ ھەر يىللىق ئوقۇش پۇلى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە باشقا تۈرلۈك چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۇڭا نەنجىڭ چەتئەل تىلى مەكتىپىنى «ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى» دېسەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ.