ئېرەن يوپۇرمىقىنىڭ توزىشىغا ھەمراھ بولغان بۇ كەچ كۈزدە،
ھاياتىمدىكى بارلىقىم ئەمەسلىكىڭىزنى ئەمدى بىلدىم.
زورلاپ كۈلۈپ قويىمەن، ئەسلىسەم سىزنى،
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەسلىمىلەردەك ئاستا-ئاستا توزىدىم.
مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش
بەخت ئۈچۈن تىرىشىڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ.
بارلىق تەردىن ھوسۇل ئېلىش، بارلىق تىرىشچانلىق يەردە قالماسلىق كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساندا ئىرادە بولۇش، ھەر قانداق ئىشقا ئەستايىدىل بولۇپ، ئۆزى يەڭمەكچى بولغان قىيىنچىلىققىمۇ ھازىرلىق كۆرەلىشى كېرەك.
مۇھەببەتكە ئېرىشىش بىر جەريان، بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قايسى خىل ئۇسسۇل ئارقىلىق ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۆزىڭىزگە باغلىق مەسىلە، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىڭ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى بىلىڭ، ئارزۇغا ئېرىشىش يولىدا كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىڭ. شۇندىلا ئارزۇ گۈللىرىڭىز پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
خەير-خوش ئالتۇن كۈزدىكى سېھرلىك 10-ئاي،
ياخشىمۇسىز شېئىردەك گۈزەل باش قىش...
شۇنداق قىلىپ، 2020-يىلىنىڭ پەقەت 6/1 قىسىمىلا قالدى.
«ئەمدى تەۋرەنمەيمەن، ھورۇنلۇق قىلمايمەن، كەينىمگە چېكىنمەيمەن»... ئۆزىڭىزگە تەلەپ قويۇڭ، ھورۇنلۇقتىن يىراق تۇرۇڭ، كەينىڭىزگە قارىماڭ، مەيلى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ياكى خاتا قىلغان بولۇڭ ھەممىنى كەينىگە تاشلىۋېتىپ، ئالدىڭىزغا قاراپ ئىلگىرلەڭ.
مۇھەببەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەش، ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىش... بۇ تولىمۇ گۈزەلدۇر.
بەخت ئۈچۈن تىرىشىڭ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ.
بارلىق تەردىن ھوسۇل ئېلىشنى، بارلىق تىرىشچانلىقنىڭ يەردە قالماسلىقىنى ھەر كىم ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭغا لايىق تىرىشقىنىڭىزدا ھەر قانداق ئىشىڭىزدىن نەتىجە كۆرەلەيسىز، بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىڭ...
كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىپ، خۇشال ياشاڭ
ھەمىشە تەقدىرنى ئادالەتسىز دەپ قايغۇرۇپ، تەقدىردىن ئاغرىنماڭ، قايغۇ-ھەسرەتتىن يىراقلىشىڭ، تۇرمۇشقا ئازىراق شېكەر قوشۇپ، كەيپىياتىڭىزنى ئازادە قويۇپ بېرىڭ. خۇشخۇي ئادەمگە خۇشاللىق ھەمراھ بولىدۇ. تۇرمۇشقا بەك كۆپ يۈك كەتمەيدۇ، ئۆزىنى خاتىرجەم قوبۇل قىلىش، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش، خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆزىنى ئەڭ ياخشى كەيپىياتتا ساقلاش كېرەك.
تەمكىن بولۇڭ، سەمىمىي قەلىب ئىگىسىگە ئايلىنىڭ
تۇرمۇشنى سەمىمىيلىكىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ. ئېرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، ئارزۇ ـ ھەۋەس ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇڭ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ھەۋەس قىلماڭ. ئەڭ ياخشى ئۆزى بولۇشتىنمۇ گۈزەل ئىش يوق.
نام ـ مەنپەئەت قوغلاشماسلىق، ھەشەمەتچىلىككە ئىنتىلمەسلىك، ماددىي نەرسىلەردىنلا خۇشاللىق ئىزدىمەسلىك، ئۆزى ئۈچۈن قايغۇرماسلىق كېرەك.
ئادەم بولۇش: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بەك ئاچ كۆزلۈك قىلماڭ، كاللىڭىزدىن ئۆتسە، غەم ـ قايغۇ تەبىئىيلا يوق بولىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتىكى ئېرىشىش ۋە يوقىتىش بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەڭ.
تاللاشنى ئۆگىنىش، ۋاز كېچىشنى بىلىش، تىنچ، خاتىرجەم قەلبنى ساقلاش، قەلبتىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاش تېخىمۇ گۈزەل.
قانائەت قىلغۇچىلار دائىم خۇشال يۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە قانچە ئاددىي ـ ساددا بولسا ئاندىن ھەقىقىي بولىدۇ.
ئىشەنچكە تولۇپ، ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولۇڭ
ئۆزىڭىزنىڭ چوقۇم قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ، بىردىنبىر «مەن»نى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزنى كەمسىتىشتىن ھالقىپ ئۆتسىڭىز، ئەڭ گۈزەل تەقدىرگە ئىگە بولالايسىز.
ھەرگىز ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئەڭ جەلپكار بولىدۇ.
ھەر ۋاقىت ئۆزىگە توغرا قاراش، ئۆزىگە ئىشىنىپ كىشىلىك ھاياتتا مۆجىزە يارىتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «مەن بەك مۇھىم» دېيىش كېرەك.
ئىشەنچ سىزنىڭ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ، چوقۇم ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانماڭ، ئۆزىڭىزنى ئالقىشلاشنى، مۇكاپاتلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭىزنى قەدىرلەڭ، بۇ سىزگە مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ
باشقىلارغا دوستانە قولىڭىزنى چىقىرىڭ، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۆزىڭىزگە ياردەم قىلغانلىق.
كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈشنى بىلىڭ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئەمەلىيەتتە سىزنىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنىلا كۆرمەڭ.
گۇمان بىر خىل زەھەر سۇيۇقلۇقى، ئارتۇقچە گۇمانلىنىش ئاخىرىدا قەلبىڭىزنى جاراھەتلەندۈرىدۇ.
رەقىبىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، باشقىلارنى كەمچىلىككى بىلەن تەنقىدلەشنى ئەمەس، بەلكى ماختاشنى ئۆگىنىڭ، ماختاشمۇ باشقىلارغا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغات.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر قانداق ئىشنى ئىتىراپ قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئۆز خاتالىقىنى دادىللىق بىلەن ئىتىراپ قىلىشمۇ باشقىلارغا ياخشى تەسىر ئاتا قىلالايدۇ.
جاپا-مۇشەققەتتە چېنىقىشنى بىلىڭ
تۇرمۇش ھامان خىرىسقا تولغان بولىدۇ، ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، مەغلۇبىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
كىشىلىك ھاياتتىكى پەسكويغا چۈشۈپ قېلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى جاپا ـ مۇشەققەت ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى.
قىيىنچىلىق ئالدىدا، سىزگە پەقەت ئازراق جاسارەت كېرەك، جاپا ـ مۇشەققەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، گۈزەل نەتىجىلەر سىزنى كۈتۈۋالىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن قولغا كەلتۈرۈشتە.
ھەر قانداق ئىشنى بېسىم قىلماي، بەلكى تەقدىرىڭىزنىڭ غوجايىنى بولۇڭ!
تۇرمۇشتىكى ھەر خىل بېسىملارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۆزىنىڭ غەزىپىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، ۋەھىمە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ، روھىي چارچاشتىن يىراق تۇرۇڭ، ناچار كەيپىياتىڭىزنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
ھەسەتخورلۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى پۇتلىكاشاڭدۇر، چۈشكۈن كەيپىياتنى چۆرۈپ تاشلاپ، نېرۋىڭىزنى قاپلىۋالغان زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىڭىزنى يوقىتىشنى بىلىۋېلىڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۆزىنى كونترول قىلغاندىلا ئاندىن مىجەزىڭىزدە ياخشى ھالەت شەكىللىنىدۇ.
ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ياخشى روھىي ھالەت بىر ئۆمۈر ساغلاملىقنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئۆزىڭىزگە كۆپرەك ئالقىش ياڭرىتىڭ، ئۆزىڭىز بولۇشقا جۈرئەت قىلىڭ.
ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى بىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ساغلاملىق سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىدۇ.
قەلىب بىر دۇنيا، ئۇنى ئاسىراشنى بىلىڭ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلىغاندىلا ئاندىن ساغلاملىقنىڭ يولىنى ئاچالايسىز، ئەمما سەمىڭىزدە بولسۇن، پۇل ئۈچۈن سالامەتلىكىڭىزنى دوغا تىكمەڭ!
بەزىدە كەيپىياتىڭىزنى زورمۇ-زور بېسىپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىماڭ، يىغلاشقا توغرا كەلسە يىغلاڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشىڭىزنىڭ ئورنى يوق، شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ۋاقتىڭىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەڭ، ئۆز خىسلىتىڭىزنى ساقلاڭ، قەلبىڭىزنى بىردەم تىنىچ تۇتۇڭ، ئۆزىڭىزگە ئارام ئالىدىغان پۇرسەت چىقىرىڭ.
مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، 10-ئايدىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلىرىڭىزگە خوش دەڭ، 11-ئايدا يېڭىچە قىياپەتتە، يېڭىچە روھىي ھالىتىڭىزنى ساقلاپ ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاڭ.
يىللار ھەمىشە ئالمىشىپ تۇرىدۇ، تۆت پەسىلمۇ توختاۋسىز ئالمىشىدۇ، بىر تال يوپۇرماق بىلەن كۈز قوينىنى ئاچقان بولسا، ئاپپاق قىروۋلار بىلەن قىش باغرىنى يارىدۇ.
بۇ بىر يىلنىڭ يەنە ئالتىدىن بىر قىسمى قالغان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق ئىشقا كېچىكمەيسىز، ئەڭ گۈزەل ئىشنىڭ ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىڭىزدە بولسا، ئۆتمۈشنى ئەسلەشتىن يىراق تۇرىدىغان بولىسىز، ئەكسىچە كەلگۈسىدىن قورقماي، گۈزەل كۈنلەر ئۈچۈن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولسىىز.
ھاياتنى، مۇھەببەتنى قەدىرلەڭ، قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى قەدىرلىگىنىڭىزدە، نېمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.
2020-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىنى ئەڭ گۈزەل ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ھەر بىر كۈننى گۈزەل ئۆتكۈزۈڭ، قەدىرلەڭ!
来源:百度
监制:麦提江
审稿:阿米娜
稿子:麦提江
www.alkuyi.com