قانداق كىشى بىلەن دوست بولسىڭىز، شۇنداق ھاياتقا ئېرىشىسىز.
بەزىلەر: سەن بىر ئادەمنى چۈشەنمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ كىم بىلەن دوست بولغىنىغا قارىساڭلا كۇپايە دەيدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قارىشى قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئادەتتە بۇنىڭ يېرىمى شۇ كىشىنىڭ ئۆگەنگەن بىلىمى ۋە جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىشى ئارقىلىق يېتىلىدۇ، قالغان يېرىمى بولسا ئائىلە ۋە دوستلىرى تەرىپىدىن كېلىدۇ. ھالبۇكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، كېيىنكىسى تېخىمۇ بىۋاسىتە يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سىز قانداق ئادەملەر بىلەن بىللە بولسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق ھاياتقا ئېرىشىسىز.
1. پاسسىپ ئېنىرگىيەلىك كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ!
يازغۇچى لى شاڭلۇڭ مۇنداق دېگەن: «پاسسىپ ئېنىرگىيە باشقىلارنىڭ يامان تەرىپىنى قامچىلاپ، جەمئىيەتنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ئەيىبلەيدۇ؛ ئاكتىپ ئېنىرگىيە بولسا بىزگە ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ، يەنىلا تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق بەزى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىدۇ».
بەزى كىشىلەر تۇغما ئۈمىدسىز كېلىدۇ، ئەتراپىڭىزدا پاسسىپ ئېنىرگىيەلىك كىشىلەر كۆپىيىپ كەتكەندە، سىز ئۇلارنىڭ بىر خىل ھارغىن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. چۈنكى كەيپىيات ئادەمنى ئاسانلا يۇقۇملاندۇرىدۇ، كىشلەر دائىم مۇشۇنداق كەيپىيات ئىچىدە تۇرغاندا، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىمۇ باشقىلارنىڭ تەسىرىدە تەبىئىيلا ئۆزگىرىپ مەيۈسلىنىپ كېتىدۇ.
ئەگەر مۇمكىن بولسا، پاسسىپ ئېنىرگىيەلىك كىىشلەردىن يىراق تۇرۇڭ، بۇ ئۆزىڭىزگە ئەڭ يۈز كېلەلەيدىغان تاللاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالدىراش تۇرسا، كىمنىڭمۇ باشقىلارنىڭ كوتىلداشلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقتى بار دەيسىز.
سىزگە ئاكتىپ كۈچ بېرىدىغان ئادەمگە يېقىنلىشىڭ.
2. ھەقىقىي دوست بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىدۇ ھەمدە تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قارايدۇ.
دۆلىتىمىزدىكى جىنس ئۆزگەرتكەن ئۇسسۇل چولپىنى، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدە كۆپچىلىك تەرىپىدىن «زەھەرلىك يىلان» دەپ ئاتالغان جىن شىڭ توختىماي ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، ئىزچىل قەيسەرلىك بىلەن ھەممىگە يۈزلىنىپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىر ياخشى دوستى ليۇ شياۋچىڭنىڭ بولغانلىقىدىن بولدى.
جىن شىڭنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى ليۇ شياۋچىڭ ئىككىيلەننىڭ يېقىن ئاچا-سىڭىللاردەك چۈشكەن سۈرىتى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ، سۈرەتتىكى جىن شىڭ قېنىق قىزىل رەڭلىك پەلتو كىيگەن، ئاياللىق نازاكىتى تۆكىلىپ تۇرىدۇ، ليۇ شياۋچىڭ ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك چاپان كىيىپ جىن شىڭغا يۆلىنىۋالغان بولۇپ، خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك كۆرۈنەتتى.
رەسىمگە مۇنداق سۆزلەر قىستۇرۇلغان: «ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىش، ئۆزئارا ئىلھام بېرىش... شياۋچىڭ ھەدەم ماڭا مۇنداق دېگەن: ئادەم بۇ ھاياتىدا ئېسىل ياشىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا تايىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى!»
سىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغان كىشى بىلەن بىللە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم؛ ئۆزئارا بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغان ئادەم بىلەن بىللە بولۇش تېخىمۇ مۇھىم.
3. قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىزنى يورىتىدىغان نۇر بولسۇن.
ئەگەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە دوستىغا مەسئۇل بولۇش كېرەك دېيىلسە، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە يورۇقلۇق ئاتا قىلىشىنى كۈتمەستىن، قەلبىڭىزدىكى نۇر بىلەن ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى يورىتىڭ.
«ئەگەر سىز مېيىپ بولۇپ قالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىز بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىش ياكى باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى كۈتۈشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق. ئادەم ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشى، ھازىرقى ھالىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشى كېرەك».
بىز ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى تاللاشقا ئامالسىز، لېكىن ياخشى ئۆتىدىغان دوستلارنى تاللىيالايمىز.
قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار.
كېپىنەككە ئەگەشكەن كىشى گۈلزارلىقنى كۆرىدۇ، چىۋىنگە ئەگەشكەن كىشىنىڭ ئاخىرىدا بارىدىغىنى مەينەت ئازگالدىن ئىبارەت بولىدۇ.