ئاكاڭ قايتىپ كەلدى! رونالدو مەيدانغا قايتىپلا توپ كىرگۈزدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-01
來源:تېڭشۈن تورى

كرىستىيانو رونالدو قايتىپ كەلدى!!!

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 22دە باشلانغان ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە يېقىندا يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان كرىستىيانو رونالدو زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشتى، شۇنداقلا ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا بىر توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇسنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى.

كرىستىيانو رونالدو بۇ مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا دىبالانىڭ ئورنىغا چىقتى، بۇ ئۇنىڭ 20 كۈندىن كېيىن مۇسابىقە مەيدانىدا قايتا نامايان بولۇشى، ئۇ بۇ جەرياندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملاندى، ئايرىلىپ تۇردى ھەمدە ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كرىستىيانو رونالدو مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ 126 سېكۇنتتىن كېيىنلا توپ كىرگۈزدى.

كرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن بىرگە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشكەن، ئارقىدىن ئىككى ھەپتىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئايرىلىپ تۇردى.