بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:00دىكى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 6-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا سپېزىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن مېچىننى پاس چىقىرىپ موراتا بىر توپ، سپېزىيادىن پوبېگا بىر توپ كىرگۈزدى، موراتا كىرگۈزگەن يەنە بىر توپ ئورۇن ھالقىغان دەپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا يۇۋېنتۇستىن رونالدو ئىككى توپ، رابىئوت بىر توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇس 4-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.
مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا دىبالا توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىردى، لېكىن ئۇ تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا يۇۋېنتۇس ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، مېچىننى پاس چىقىرىپ موراتا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 18-مىنۇتىدا، چىئېسا تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 23-مىنۇتىدا موراتا بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن ئۇ ئورۇن ھالقىغاچقا بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى. مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا، بۇففون رىچ تەپكەن توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 28-مىنۇتىدا، قارشى تەرەپ قاپقىچىسى چىئېسا تەپكەن توپنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا سپېزىيا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، بارتولومى پاس چىقىرىپ پوبېگا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 42-مىنۇتىدا موراتا توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتتى، لېكىن قارشى تەرەپ بېكلىرى توپنى توسىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقىنىڭ 52-مىنۇتىدا، بارتولومى يىراقتىن تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 57-مىنۇتىدا، رونالدو دىبالا بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا يۇۋېنتۇس يەنە بىر قېتىم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، موراتا پاس چىقىرىپ مەيدانغا چىققىلى بىر مىنۇت بولغان رونالدو توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 64-مىنۇتىدا، سپېزىيادىن باستونى بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن ئۇ ئورۇن ھالقىغاچقا بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلدى. مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا يۇۋېنتۇس نومۇر پەرىقىنى چوڭلاتتى، چىئېسا پاس چىقىرىپ رابىئوت بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 76-مىنۇتىدا يۇۋېنتۇس نومۇر پەرىقىنى تېخىمۇ چوڭلاتتى، رونالدو نۇقتا توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 87-مىنۇتىدا، سپېزىيا توپچىسى ئېستېرۋېس رونالدونى قەستەن پۇتلىۋەتكەچكە سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يۇۋېنتۇس 4-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.