ئەلكۈيى تورى تەنتەربىيە قانىلى تەرجىمىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 22 دە، ئىتالىيە بىرلەشمىسى2020-2021-مۇسابىقە پەسلىدىكى 6-ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا ماسپېزىيا بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە موراتا تۇنجى قېتىم توپ كىرگۈزدى ، بوبىگا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، كىرىستىيانو رونالدو مەيدانغا ئالمىشىپ چىقىپ ، ئارقا -ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ قالتىس نەتىجە ياراتتى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس 4-1 نەتىجە بىلەن سىپېزىيەنى يېڭىپ، ۋاقتىنچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا قايتىپ كەلدى.
35ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 2-قېتىملىق زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ، ئارقا -ئارقىدىن قوش توپ كىرگۈزىشى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىنىگە 14 يىل بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پېرلو يۇۋېنتۇسنى يىتەكلەپ ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئويناپ (ناپولى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىشى بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس) ، پەقەت ئىككى قېتىم غەلىبە قىلىش، ئۈچ قېتىم تەڭلىشىش، بىر قېتىم ئۇتتۇرۇشتەك جەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ناچار باشلىنىشىنى ياراتقان. بۈگۈنكى كۈندە، رونالدونىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن بۇ رېكورت بۇزۇلۇپ ، يۇۋېنتۇس قايتىدىن غەلبە يۇلىغا قاراپ ئاتلاندى،پېرلو ئاخىرى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.