پېرلو: رونالدو بىزنىڭ بۈگۈنكى مۇسابىقىدە يېڭىشىمىزگە ياردەم بەردى،بىز ئۇنىڭغا مۇھتاج

ئەلكۈيى تورى
2020-11-02
來源:جىبوبا تورى


2020112

ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەرجىسىمى: ب ئەمدىلا ئاياغلاشقان ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، يۇۋېنتۇس   مېھمان مەيداندا سىپېزىيانى 4-1 نەتىجىدە مەغلۇب قىلدى ، مۇسابىقىدىن كېيىن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پىرلو ئىتالىيە« ئاسمان تەنتەربىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: « بىز بۈگۈن ناھايىتى ياخشى ئوينىدۇق، بىز نۇرغۇن پۇرسەت ياراتتۇق، بىز ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك» . ئەگەر سىز بۇنداق قىلمىسىڭىز، ئازراق ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. » دېدى.

كىرىستىيانو رونالدو توغرىسىدا

«بىز يەڭمەكچى بولۇۋاتىمىز، كىرىستىيانو رونالدو بىزگە ياردەم قىلدى، كىرىستىيانو رونالدو ھازىر ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بىز ئىزچىل ئۇنى كۈتۈپ كېلىۋاتىمىز. » دېدى.

ئارتۇر توغرىسىدا

«بىز ئازراق ئويناش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتۇق، ئارتۇرنىڭ كېيىنكى ئورۇندا تېخىمۇ ئەركىن ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلىمىز. » دېدى.

دىبالا توغرىسىدا

«دىبالامۇ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە بىز ھەر بىر توپچىنىڭ ھېسسىياتىنى كۆرۈپ باقايلى. » دېدى.

تاكتىكا توغرىسىدا

«بىز مۇداپىئەدە تۆت بېك ئوينىدۇق، چۈنكى مەن پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە توپچىلا ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم، ھەممە ئادەم كوماندىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز يەنە قانداق توپ تېپىشنى كۆرۈپ باقايلى، بىراق ئويناش ئۇسۇلى يەنىلا ئوخشاش. بىز ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمىز، بىر قىسىم توپچىلار يارىسى ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە ئۆزىمىزنىڭ پۇتبول پەلسەپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت چىقىدۇ. » دېدى.

«بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ، بىز مۇسابىقە جەريانىدا مەشىق جەريانىدا قىلغان تەييارلىقىمىزنى كۆرىمىز، بىز مۇداپىئەنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى سىناق قىلىۋاتىمىز، ئەگەر توپ تىپىش ھوقۇقىمىزنى يوقىتىپ قويساق، چوقۇم ئالدىنقى مەيداندا تېخىمۇ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك، ئالدىغا بەش مېتىر يۈگۈرسەك، ئارقىغا 70 مېتىر يۈگۈرگەنگە قارىغاندا كۆپ ئاسان بولىدۇ. »