ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەرجىسىمى: ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا 4:1 نەتىجە بىلەن سىپىزىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، يېڭى ئەسلىگە كەلگەن كىرىستىيانو رونالدونى مەيدانغا چۈشۈرۈپ، كوماندىنىڭ بۈگۈنكى بىرلەشمە مۇسابىقىنى غەلبىدە ئاخىرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. مۇسابىقىدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بۇ مەيدان غەلبىنى تەبرىكلىدى.
ئۇ تورغا سۆز يوللىغاندا ئۆزىنىڭ مۇسابىقىدىكى سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى ھەم قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: « قايتىپ كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم ھەم ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىغا ياردەم بەردىم! كوماندىمىز ناھايىتى ياخشى قىلدى. مەڭگۈ ئاخىرغىچە چىڭ تۇرايلى. »
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بەش توپ كىرگۈزۈپ، ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى رېكورتنى تەڭلەشتۈردى.