ئامەتلىك لاتارىيەچى 52 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-02
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى لوڭ ئەپەندىم بىر تەلەيلىك كىشى، ئۇ 3D ئويۇنى 2020226 ـ قاراردا «830» نى دادىللىق بىلەن 50 ھەسسە دو تىكىپ، 52 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

كونىلاردا « ئامەت كەلسە ھېچكىم توسىيالمايدۇ» دېگەن گەپ بار. لوڭ ئەپەندى 65290116 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى پىشقەدەم لاتارىيەچى، ئۇ 3D ئويۇنىغا بەك ئامراق، ئۇنىڭ نومۇر تاللاش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئالاھىدە، ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا« قايسى نومۇر ياخشى بېلىنسە شۇ نومۇرنى تاللاش» . لۇڭ ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن، ئۇ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىپ نۇمۇر تاللاشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن، ھەر كۈنى دو تىكىدىغان نومۇر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، تېلېفون نومۇرى، ئاپتوموبىل نۇمۇر تاختىسى قاتارلىق رەقەملەر ئىچىدىن تۇيغۇسى بار گۇرۇپپىلارنى تاللىغاندىن كېيىن دو تىكەتتى، بەزىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان نومۇرلارغا ھەسسىلەپ دو تىكەتتى. ـــ «گەرچە بۇ ئۇسۇل سەل«دۆت» ئۇسۇل بولسىمۇ، لېكىن ماڭا بەك ماس كېلىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۆزى خەير-ساخاۋەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئويۇن، مېنىڭچە تەلەي لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ھەل قىلغۇچ ئامىلنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ھېسياتقا ئەگىشىپ ماڭسىمۇ ياخشى بولىدۇ.» دېدى.

10- ئاينىڭ 5- كۈنى لۇڭ ئەپەندى بىر قەدىناس دوستىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، كونا دوستلار پاراڭلىشىپ بىلىپ-بىلمەي ئون نەچچە مىنۇت پاراڭلىشىپ كەتتى، كەيپىياتى ياخشى لۇڭ ئەپەندى شۇ كۈنى 3D ئويۇنىغا دو تىككەندە، دوستىنىڭ يان تېلېفونىدىكى«30» نى ئاساس قىلىپ، ئالدىغا يەنە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان«8» دېگەن رەقەمنى قوشۇپ، نومۇر«830» غا 50 ھەسسە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2020226-قارارلىق مۇكاپات باشلاش نومۇرى دەل «830» بولۇپ، لۇڭ ئەپەندى 52 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن «سوغۇققان» بولغان لۇڭ ئەپەندى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپات پۇلى ئالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتىنى تىلغا ئالغاندا:«مېنىڭچە نومۇرنى توغرا كۆرگەندىكىن تىز قول سېلىش كېرەك! ياخشى تەلەيگە ياخشى جاسارەت قوشۇلسا، بۇنداق بولغاندا چوڭ مۇكاپات قېچىپ كەتمەيدۇ!»-دېدى.

1.png