قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-02
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى دۆلەت بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشتىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 5-كۈنى قايتا ئېچىۋېتىلدى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىدىغان قاراماي شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى شۇ كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

65020029-نومۇرلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋۇ ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ«سادىق مەستانىسى»بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ، ئادەتتە ئىشى يوق چاغلاردا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ لاتارىيەچىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىدىن بىر نەچچە پارچە سېتىۋالاتتى، ئۇ«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش جەريانى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىقتىن ئالاھىدە بەھرىمەن بولىدىكەن.

10 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، ۋۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا نۇرغۇن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان لاتارىيە بېلىتىنى كۆردى، تۇيۇقسىز«ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىنى كۆرۈپ مال ساتقۇچىدىن سورىدى:«ھوي، بۇ بېلەت تۈگىگەن ئەمەسمۇ؟» دېدى، مال ساتقۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۈگۈن تەلىيىڭىز بار ئىكەن، بۇنى بايا ئەكىلىپ بەرگەن، پۇكەيگە قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم!»-دېدى، ۋۇ ئەپەندى بىر تال ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى،يېرىمىنى قىرىپ بولسىمۇ ماكاپات چىقمىدى بۇ چاغادا ۋۇ ئەپەندىم مۇكاپات چىقمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى ۋە داۋاملىق قىردى، تۇيۇقسىز« ماشىنا» دېگەن بەلگە چىقتى، شۇ چاغدا ۋۇ ئەپەندى قاتتىق ھەيران بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

ۋۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « مەن پەقەت كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ئىدىم، بۇنداق تەلەينىڭ ماڭا چىقىدىغانلىقىنى، لىنكولىن ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.»-دېدى، ۋۇ ئەپەندىنىڭ خۇشال ھالىتىنى كۆرگەن باشقا لاتارىيەچىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بەس-بەستە ۋۇ ئەپەندىنى تەبرىكلەشتى.

2.png