ئالتايدىكى ئامەتلىك يىگىت 200 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-03
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لاتارىيەچى شياۋماۋ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ دوستىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشقا بارماقچى بولدى، بۇ چاغدا ئۇ يېنىدا پارچە پۇل يوقلۇقىنى بايقاپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئالتاي شەھىرى 65430102 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ پارچە پۇل ئالماشتۇرماقچى بولدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا، شياۋماۋ نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ«قوش رەڭلىك توپ» ، «3D» ئويۇنلىرىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، بىراق ۋاقىت بىر قەدەر قىس بولغاچقا، شياۋماۋ بىر نەچچە پارچە«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. شياۋماۋ ئادەتتە لاتارىيە سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي، يەنە پۇتبولنىمۇ ياخشى كۆرەتتى، پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بولسىلا مەزمۇنلارغا ناھايىتى ئامراق ئىدى، شۇڭا ئۇ بىر نەچچە تال «يۈزدە يۈز چىقىش» يەنى بەيفا بەيجوڭ لاتارىيە بېلىتىنى تاللاپ سېتىۋالدى. ئۇ قىرىپ ئۈچىنچى پارچىسىغا كەلگەندە «مەن پەرەز قىلغان توپ سانى» بىلەن«مۇسابىقە نەتىجىسى» نىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ نومۇرى«2» بولۇپ، بۇ چاغدا شياۋماۋ ئۆزىگە مۇكاپات چىققانلىقىنى ھېس قىلىپ، يەنە بىر قېتىم نومۇر ئاستىدىكى مۇكاپات پۇلىغا قارىدى، شياۋماۋ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئۈن ـ تىنسىز ھالدا: « بىر، ئون، يۈز، مىڭ، تۈمەن، 200 مىڭ يۈەن» دەپ سانىدى، شياۋماۋ قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي ۋارقىراپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا مەركەزلەشتى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى.

14 ـ سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شياۋ ماۋ خۇشال ھالدا ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كەلدى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا توختالغاندا، شياۋ ماۋ مۇنداق دېدى:«بۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ مۇكاپات، ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنمەن، مەن بىر قىسىم مۇكاپات پۇلىنى ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى لاتارىيە خىراجىتى سۈپىتىدە قالدۇرۇپ، قالغىنىنى ئاتا ـ ئانامنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. بەدەل تۆلىسە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەر خىل ئويۇن بېلەتلىرىنى سېتىۋالىمەن، كېلەر قېتىم يەنە چوڭ مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

1.png