2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، ما يۈن 10 يىل بۇرۇنقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئەلى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، جامائەت پىكرى قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
ئەلى بابا بىر كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈبھىسىزكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ما يۈننىڭ ئەلى باباغا بولغان رولىدىنمۇ گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. لېكىن كارخانا رەھبەرلىرىنى كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
بىر كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئەلۋەتتە مۇنەۋۋەر شەخسنىڭ تۈرتكىسى كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ دەل ۋاقتىدا پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىدا. بىر ياخشى مايسا ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تۇپراق ۋە كىلىمات شارائىتىغا دۇچ كەلگەندىلا كۆككە تاقاشقان چوڭ دەرەخكە ئايلىنالايدۇ. بىر ياخشى دەۋر كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەۋزەل تۈزۈم شارائىتى ۋە بايلىق شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئېھتىياج يارىتىپ بېرىدۇ. بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى، بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچىمۇ ئۇلۇغ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە تايىنىشى كېرەك.
تارىختىكى بارلىق كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى دەۋرنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقانلىقىدا ئەمەس بەلكى ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقانلىقىدا. مەسىلەن، T تىپلىق ئاپتوموبىلنى كەشىپ قىلغان ھېنرى فورد ئاقما لىنىيە مەشغۇلاتىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلىدى. لېكىن، بىز سەل قاراشقا بولمايدىغان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش شۇكى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پۈتكۈل ئامېرىكا ئىقتىسادى گۈللىنىشكە قاراپ ماڭدى، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستېمال ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى رايونغا ئايلاندى، ئاھالىلەر سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك ئېھتىياجلىق ئىدى، مانا بۇ فورد ۋە باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئۈچۈن غايەت زور تەرەققىيات بازىرى يارىتىپ بەردى. ئوخشاش قائىدە بويىچە، بىل گايتىسنىڭ بىر مەھەل دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولالىشىدىكى سەۋەب يالغۇز ئۇنىڭ تۇغما دانالىقىدا ئەمەس، كومپيۇتېرنى باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بالدۇر چۈشەنگەنلىكىدە، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ كومپيۇتېر دەۋرىدىكى ئىنقىلابنىڭ تومۇر سوقۇشىنى چىڭ تۇتقانلىقىدا.
دەۋر ئېھتىياجىنى چىڭ تۇتالمىسا، كۆپ ھاللاردا ئاز ئىشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ، ھەتتا مەغلۇپ بولۇش خەۋپ-خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى پورسىچنىڭ قۇرغۇچىسى بورش ئېلېكترىك ئاپتوموبىلنى ياساپ چىقماقچى بولغان، لېكىن نەچچە ئون يىللىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئۇ بۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن. 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكلىت پۈتۈن دۇنيادا ئادەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.
ئەلى بابانىڭ تەرەققىياتىمۇ باشتا ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بەختكە يارىشا، جۇڭگو ئالاقە تورىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئەڭ ئاخىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى يېتەكچى كۈچمۇ تەدرىجىي مەبلەغ سېلىشتىن ئىچكى ئېھتىياجغا يۈزلەندى، بىر مىلياردتىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ ئىستېمال ئېڭى ئويغىنىپ، تاۋباۋ ۋە تيەنماۋنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى ئەڭ چوڭ پايدىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ما يۈننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۈرتكە بولۇپ قالدى.
بىر قىسىم كېشىلەر دېگەندەك ئاتالمىش مايۈن دەۋرى يوق، پەقەت شۇ دەۋردىكى مايۈن بار . پەقەت دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقان ئادەملەرلا ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن، مەيلى ما يۈن، ما خۇاتېڭ، ماسك بولسۇن، ياكى بىز ھەر بىر ئاددىي ئادەم بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئەمەس. شۇڭا، قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىشى ناھايىتى تەس، شەخسنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق تونۇپ، يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، ھەرىكەتكە كېلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
ئۇلۇغ كارخانىچىلار ئۇلۇغ دەۋرگە مۇھتاج، ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ كارخانىچىلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھەر بىر دەۋردىكى كارخانىچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس دەۋر ئىزاھاتى بولىدۇ، ئۆزىگە خاس دەۋر بۇرچى بولىدۇ. ھازىر جۇڭگو تۈرلۈك تۈزۈملەرنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تېخىمۇ ياخشى ئۇل ئەسلىھە بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز كارخانىچىلارنىڭ بۇ دەۋرنى ئېنىق تونۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىشىنى، ھازىرقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىلا، كەلگۈسىدە جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ ئۇلۇغ كارخانا ۋە كارخانىچىلارنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
مەنبە :2019-يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، خەلق تورىنىڭ خەلق بايلىقى باھالاش قانىلىدا ئېلان قىلىنغان :« ئاتالمىش ما يۈن دەۋرى يوق، پەقەت شۇ دەۋردىكى مايۈن بار » دېگەن ماقالە