ئۇلار بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى ، ئۇلار خۇشاللىققا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-04
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

«ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ قۇشۇش» ھەقىقەتەن سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شىخەنزىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. مانا قاراڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030013 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر «گۇرۇپپا تەشكىللەپ» بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشلىدى!

10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «لاتارىيە سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى» دەل ۋاقتىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، بۇ قېتىم گۇرۇپپىدىكى لاتارىيەچىلەر ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 84 ياشلىق لى موماي بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ئاساسىي ئورۇندا ئولتۇرۇشقا تەۋسىيە قىلدى، باشقىلارمۇ تەرتىپ بويىچە ئولتۇردى. مال ساتقۇچى كۆپچىلىككە لاتارىيە بېلەتلىرىنى تۇنۇشتۇردى، ھەممەيلەن تاقەتسىزلىك بىلەن لاتارىيە بېلىتى ئېلىشقا باشلىدى. ـــ« ھەي! ماڭا 20 يۈەن مۇكاپات چىقتى»، « ماڭا 40 يۈەن مۇكاپات چىقتى» ، كىچىك مۇكاپاتنىڭ ئۈزلۈكسىز چىقىشىغا ئەگىشىپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ كەيپىياتىمۇ بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، كۆپچىلىك ئارقا ـ ئارقىدىن قوللىرىنىڭ تېلىپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشتى، بۇ ۋاقىتتا مال ساتقۇچى ئۆز ۋاقتىدا ئىچىملىك يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى ئازراق ئارام ئالدۇرغاچ،   پاراۋانلىق لاتارىيەسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇلار ئىچىدىكى ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەن بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى بولدۇم، پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ، مەن سېتىۋېلىشقا باشلىدىم، ئىلگىرى ئىزچىل كومپيۇتېر بېلىتى سېتىۋالاتتىم، بۇ قېتىم قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ باقاي»-دېدى. ياندا ئولتۇرغان ۋاڭ ھەدە ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «مەن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنلىرىنى ئويناشقا بىر قەدەر ئامراق، ئادەتتە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر نەچچە پارچە سېتىۋېلىپ پۇخادىن چىقمىغان ئىدىم، بۇ قېتىم كۆپچىلىك بىلەن بىرلىشىپ سېتىۋېلىپ بەك خۇشال بولدۇم، لاتارىيە بېلىتىنى قىرىپ قولۇممۇ ئاغرىپ كەتتى!»-دېدى.

بىرەيلەن خۇشال بولغاندىن كۆپچىلىك تەڭ خۇشال بولغانغا يەتمەيدۇ، 65030013 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچىلەر بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدىكى ئىشلار ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، شاد-خۇراملىققا چۆمىدى، بۇ بەلكىم ھەر بىر لاتارىيەچىنىڭ ئېرىشمەكچى بولغان خۇشاللىق بولۇشى مۇمكىن.

1.png