قومۇل شەھىرىدىكى سەنداۋلىڭ 65220104 پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتى ناھايىتى خاسلىققا ئىگە بولۇپ، كۆلىمى گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەقىقەتەن« قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ، بەش ئەزاسى تولۇق» دېگەن ماقال-تەمسىلگە ماس كىلىدۇ. ئاپئاق تامغا تۈرلۈك پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسى چاپلانغانىدى، ئىككى پارچە ئىش ئۈستىلى يېنىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئېلانى، لاتارىيە بېلىتى دو تىكىش تالونى، قېرىنداش ۋە ئۆچۈرگۈچ قاتارلىق بۇيۇملار رەتلىك تىزىلغانىدى. مال ساتقۇچى خۇ ھەدە خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«لاتارىيەچىلەرنى ئازادە، ئىللىق بولغان لاتارىيە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم. قانداقلا بولمىسۇن ياخشى مۇھىت لاتارىيەچىلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشتىكى مۇھىم شەرتى.» دېدى.
26-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، سەنداۋلىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياڭ ئەپەندى 65220104 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. پونكىتقا كىرگەندە، ئۇ مال ساتقۇچى خۇ خانىمدىن شۇ كۈنى 3D ئويۇنىنىڭ مۇكاپات نومۇرى توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئېگە بولدى. ۋە يۆلىنىش خەرىتىسىنىڭ ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كۆزىتىشكە باشلىدى.
بىر پەستىن كېيىن، ياڭ ئەپەندى ئاخىر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، چوڭ نومۇرلارنى ئاساس قىلىشنى قارار قىلىپ، « 986» ، « 982» ، « 998» ، « 988» ، « 102» دىن ئىبارەت بەش دو نومۇرنى تاللاپ، بۇ بەش دو نومۇرنى يەككە تاللاش ئۇسۇلى بىلەن 22 ھەسسە دو تىككەندىن كېيىن، رازىمەنلىك بىلەن ئۆيىگە قايتتى. شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، ياڭ ئەپەندى تاقەتسىزلىك بىلەن كومپيۇتېرنى ئېچىپ، شۇ قارار مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈردى، ئويلىمىغان يەردىن 3D ئويۇنىنىڭ 2020221-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى دەل« 988» بولۇپ، ئۇ 22 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 22.880 مىڭ يۈەن بولدى.
10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ياڭ ئەپەندى قومۇل شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. ياڭ ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم ئوغلۇمغا چوڭ لاتا قونچاق ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىمەن، ئاندىن ئايالىم ۋە ئۆزۈمگىمۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋالىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن! » دېدى.