2020 - يىلىدىكى قار ناھايىتى بالدۇر ياغدى، بەزىلەر قىزىقچىلىق قىلىپ: «2020-يىلى ئەمەسمۇ، بىرەر ئىش يۈزبەرمىسە بۇ نامغا قانداق لايىق بولسۇن؟» دېيىشىدۇ. 2020-يىلى بىر يىل چاقماقتەك ئۆتۈپ كەتتى. يۇقۇم يامراپ، يەر تەۋرىدى، كەلكۈن ئاپىتى بولدى، نۇرغۇن كىشى ئىشسىز قالدى. بىر يىل ئىچىدە بېشىمىزدىن ئاز ئىش ئۆتمىدى. مانا ھەش-پەش دېگۈچە بۇ يىل ئۆتۈپ كېتىدىغانغىمۇ ئىككى ئايلا قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆمرۈمدە بۇنداق مۈشكۈل بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانمەن» دېيىشتى. 2020-يىلىنىڭ قالغان ئىككى ئېيىدا يەنە نېمە ئىشلار بولار؟
1
ئاپتوموبىل ئۆتۈشۈپ تۇرغان كوچىدا ھەرىكىتى قولايسىز بىر بوۋاي يولدىن ۋاقتىدا ئۆتۈپ بولالماي، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا توختاپ قالدى، كەينىگە يېنىش ياكى ئالدىغا مېڭىشنى پەملىيەلمەيۋاتاتتى. بىر ماشىنا بوۋاينى ساقلاپ تۇرماقچى بولدىيۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى تاللىدى.
خەتەرلىك پەيتتە، ئاق رەڭلىك ماشىنىدىن بىر يىگىت چۈشتى، يىگىت بوۋاينى يۈدۈپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.
ھازىر جەمئىيەت ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەممە ئادەم تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش. لېكىن يەنىلا بەزىلەر ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چىقىرىپ كەينىدىكى ئادەملەرنى ساقلاشنى خالايدۇ، بۇ دەل ئىللىقلىققا تولغان، كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدىغان جەمئىيەت.
2
بىر ئەسكى-تۈسكە تېرىدىغان بوۋاي ئەتىگەنلىك تاماق يايمىسىغا كەلدى. بوۋاي ئۈستەلدىكى مېھمانلارنىڭ ئېشىپ قالغان شوۋىگۈرۈچىنى يايما يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى.
بۇنى كۆرگەن يايما ئىگىسى دەرھال بوۋاينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن بىر قاچا شوۋىگۈرۈچ ئۇسۇپ بەردى.
قازاندىن شوۋىگۈرۈچنىڭ ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلدى، بۇ بوۋاينىڭ ئىسسىق تاماق يېمىگىنىگە قانچە كۈن بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئاشۇ مۈشكۈل، ئۈمىدسىز مىنۇتلاردا بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قەھرىتان سوغۇقتا بوۋاينىڭ قەلبى ئازراق بولسىمۇ ئىللىقلىققا ئېرىشكەندەك بولدى.
3
بىر ئەسكى-تۈسكە تېرىدىغان بوۋاي ئەخلەت ساندۇقىنى ئاختۇرىۋاتاتتى. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان بىر ماشىنىنى كۆردى، ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەرھال ماشىنا يېنىغا كېلىپ قارىدى.
بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ كۆپ ئويلانماستىنلا بىر پارچە خىشنى ئېلىپ ماشىنا ئەينىكىنى كۈچەپ چاقتى. ماشىنىدىن يۈزلىرى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
ماشىنا ئىگىسى خاپا بولۇپ كېتەرمۇ؟
مەندىن تۆلەم تەلەپ قىلارمۇ؟
ئۇ چاغدا ئۇ نەدىمۇ ئۇنداق كۆپ ئويلاپ كېتەلىسۇن؟
4
قىز كوچا بويىدا تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەرگەردان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تاماق يېمىگىلى بىر نەچچە كۈن بولغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە قىزدىن ئازراق تاماق بېرىشنى ئۆتۈندى.
قىز تامىقىدىن ئازراق ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى سەرگەردانغا بەردى ۋە چوكىسىنى ئۇشتۇپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
ھېچكىم ھېچبىر سەۋەبسىز سەرگەردانچىلىقتا قالمايدۇ، ئۇنىڭ بېشىدىن نېمە ئىشلار ئۆتكىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ تاپا-تەنىسى، سىلكىپ قوغلاشلىرىغا تولا ئۇچرىغان بۇ كىشىگە قىز ئىككىلەنمەستىن تامىقىنى بۆلۈپ بېرىپ، ئاشۇ بىچارە غېرىپنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلدى.
5
بىر دۇكانغا باشقا خېرىدارغا ئوخشىمايدىغان بىر بوۋاي كىرىپ كەلدى. بوۋاي بىر بولكا ئېلىپ باھاسىنى سورىدى، بەلكىم بەك قىممەت بولسا كېرەك، بولكىنى كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويدى.
بۇ كۆرۈنۈشنى ۋىدىيوغا ئېلىۋالغان كىشى ھېلىقى بولكىنى سېتىۋالدى. بوۋاينى كەينىدىن قوغلاپ يېتىشىپ بولكىنى بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
ئەگەر سىز بولسىڭىز مۇشۇنداق قىلامتىڭىز؟
ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادا ساپ دىللىق ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ئەگەر يولۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىز سىز ئاشۇنداق ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ. بىر بولكا بەدىلىگە چىن تەبەسسۇم، يۈرەكتىن چىققان بىر ئېغىز رەھمەتكە ئېرىشسىڭىز ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.
6
سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى يولدا كېتىۋېتىپ، ۋېلىسپىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان بىر قىزغا يولۇقتى، ئاپتوموبىل سىگنال بەرمىدى، پەقەت جىمجىتقىنە سۇ چاچماي ئۆتۈپ كەتتى.
تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ئاددىي ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ ئاددىيلىقنىڭ كەينىگە نەقەدەر ئۇلۇغلۇقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقايسىز.
7
ھازىر ھەرقايسى شەھەرلەرگە كىرىپ-چىقىش ئۈچۈن ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئالدىنقى ئايدا ۋۇشىدىكى بىر ساغلاملىق كودى تۇيۇقسىز قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ياشانغانلار ۋە يانفون ئىشلىتەلمەيدىغان كىشىلەرگە ئالاھىدە مۇلازىمەت نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ خىل مۇلازىمەت باشقا جايلاردىمۇ بەس-بەستە قوللىنىلغان.
مېترو بېكىتىدە ساغلاملىق كودىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدىغان ياشانغانلار ئۈچۈن قولايلىق يارىتىلغانىدى.
ھېچقانداق دۆلەت پەيدا بولۇشىدىلا مۇكەممەل ھالەتتە پەيدا بولمىغان، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئىزچىل ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ، بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ ، كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.
8
كۆك كىيىملىك يىگىت تاماق يەۋېتىپ ئارىلىقتا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، قايتىپ كېلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇپ ئېشىپ قالغان تامىقىنى يەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
يىگىت ئۇ كىشىنى قوغلىمىدى، بەلكى يەنە بىر ھامبۇرگ بولكىسى سېتىۋالدى ھەمدە ئۇ كىشى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىگە قويۇپ، تېز سۈرئەتتە چىقىپ كەتتى.
بېشىدىن ئىسسىق–سوغۇق ئۆتكەن كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ ھەممە ئادەمگە ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ.
9
بۇ ۋۇخەندە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر ۋاقىتتا تارتىلغان كۆرۈنۈش.
بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقاندىمۇ تاماق توشۇغۇچىلار يولىدىن يانمىدى. ئۇلار مۇشۇنداق سوغۇقتا كۈندە تاماق ۋە ھەرخىل لازىمەتلىكلەر زاكاسلىرىنى ساقلايتتى، زاكاس چۈشكەن ھامان تېز سۈرئەتتە ھەربىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەتتى.
شۇتاپتا تاماق توشۇغۇچىلارنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزىۋاتىدۇ دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيتتى. ئۇلار كىشىلەرگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇلار كىشىلەرنى لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىدى.
10
بىر تاماق توشۇغۇچى يىگىت بىر تورت دۇكىنىدىن زاكاس تاپشۇرىۋالدى، دۇكانغا بارغاندىن كېيىن، خوجايىن بۇ تورتنى ئۇ يىگىت ئۈچۈن بۇيرۇتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ كۈنى دەل يىگىتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يول بويىدا تورتنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، شامنى پۈۋلىدى، يىگىتنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز نەمدەلدى.
باشقىلارنىڭ سىزنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى سىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت، كىشىلەر قارىماققا ئۆزىنى دۇبۇلغا-ساۋۇتقا ئورىۋالغاندەك قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن نازۇك بىر يېرى بولىدۇ.
11
ۋېلىسىپىت مىنگەن بىر ئايال ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى.
جانغا تاقىلىدىغان بۇنداق خەتەرلىك پەيتتە بىر توپ تاماق توشۇغۇچى يىگىتلەر يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ماشىنىنى كۆتۈرۈپ، ئايالنى ماشىنىنىڭ تېگىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى، پۈتكۈل جەريانغا پەقەت 11سكۇنت كەتتى.
مۇنداق بىر ئىللىق سۆزنى ئاڭلىغانمۇسىز؟
«ئۇلار ئارىمىزدا ياشاۋاتقان خاسىيەتلىك ئادەملەر، كىشىلەر ياردەمگە موھتاج بولغاندا ئاندىن سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ».
12
بىر نەچچە تېز يەتكۈزۈش خادىمى ئىككى ياشلىق بىر قىزنىڭ بىنادىن چۈشۈپ كەتكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باشقا ئامال تېپىشقا ئۈلگۈرەلمەي، قوللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قىزنى تۇتۇۋالغىلى ئالدىغا ئېتىلدى.
ئۇلار قىزنى ئوڭۇشلۇق تۇتۇۋالدى، قىز ساق-سالامەت ئىدى. بىراق بۇ جەرياندا ئىككى نەپەر تېز يەتكۈزۈش خادىمى يارىلاندى.
-سىز قورقمىدىڭىزمۇ؟
-بىر جان تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قۇتقۇزمىغان ئادەم ھەقىقىي ئەركەك ئەمەس.
13
كىيىم - كېچەكلىرى رەتسىز بىر سەرگەردان كىشىلەر خالىغانچە توختىتىپ قويغان ھەمبەھىر ۋېلىسپىتلەرنى رەتلىك تىزىۋاتاتتى.
شەھەرنىڭ تەرتىپلىك ھەم گۈزەل بولۇشىدا ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. سىز كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم قالتىس ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ .
14
يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتقان كوچىدا كەينىگە بالىسىنى مىندۈرىۋالغان بىر ئانىنى قاتناش ساقچىسى توسۇۋالدى. ئانا ئەسلىدە قاتناش ساقچىسى ئۆزىنى جازالارمىكىن دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن قاتناش ساقچىسى: «يامغۇر بەك قاتتىق ياغدى، يامغۇرلۇقىڭىزنى چىگىپ قوياي، ئاندىن مېڭىڭ» دېدى.
شۇ تاپتا ئانىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغىنى كەلگۈسىدىن، كۆز ئالدىدىكىسى بولسا ئەتىكى قۇياشتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.
ئاشۇ يامغۇرلۇق كۈندە كىشى قەلبى قايتىدىن ئىللىغاندەك بولدى.
15
بىر گاس-گاچا ئانا يەڭگىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ناھايىتى جىددىيلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقان سېستىرا قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۇ تاكى يەڭگىپ بولغىچە توختىماي مەدەت بېرىپ تۇردى.
- مەن ئىزچىل سىزنىڭ يېنىڭىزدا،قورقماڭ.
ئوپېراتسىيە ئۆيى ئىنتايىن سوغۇق، بىراق بىرى سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئاشۇ سوغۇق يەردىن ئوڭۇشلۇق چىقىشىڭىزغا مەدەت بولىدۇ.
16
قىزى بالىسىغا تاماق يېگۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئاپىسى دەرھال قولىدىكى تامىقىنى قويۇپ، قىزىغا تاماق يېگۈزۈپ قويدى.
چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم، مەيلى سىز قانچە ياشقا كىرمەڭ، ئاپىڭىز سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ.
17
پويىز ۋوگزالغا كىرىش ئالدىدا بىر قىز ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ، تۇيۇقسىز رېلىسقا قاراپ ئېتىلدى. ھېلىمۇ ياخشى ياندىكى بىر خىزمەتچى خادىم چاققانلىق بىلەن قىزنى تارتىۋالدى.
بۇ ھاياتتا كىشى ھەرخىل ئىشلارغا يولۇقىدۇ، بەزى مۈشكۈلاتلارنى يېڭىشكە ئامالسىز قالغاندا بەلكىم ئۆلۈمنى خىيال قىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، ئەمما جان تەندىلا بولسا ئۆتۈپ كەتمەيدىغان ئىش يوق، يامغۇردىن كېيىن ھامان كۈن چىقىدۇ.
18
بۇ قىز ئۇدا بىر ئاي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، شۇ تاپتا قىز بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتاتتى. مېترو بېكىتىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي بىر نۇقتىغا قاراپ تىكىلىپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋىدى، قىز ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە قايتقاندا يىغلاپ سېلىپ، قىزىنى قورقۇتۇپ قويۇشنى خالىمايتتى. خىزمەتچى خادىم سەۋرچانلىق بىلەن تەسەللىي بەردى.
دۇنيادىكى يۈرەككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان سۆز: «يىغلىغۇڭىز كەلسە يىغلىۋېلىڭ، مۈرەم سىزگە ھەرۋاقىت تەييار».
19
بۇ كىشى ۋۇخەندىن پىجۇغا بارىدىغان پويىز بېلىتى ئالماقچى ئىدى، لېكىن 20 يۈەن كەملەپ قېلىپ سېتىۋالالمىدى.
بېلەت خادىمى ئىككىنچى كۈنى چۈشنىڭ بېلىتىنىڭ ئەرزانلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىشى ئىككىلىنىپ تۇرغاندا يېنىدىكى بىر ئايال:
ـ بۈگۈن كەچتىكىسى بولسۇن، مەن سىزگە ئېلىپ بېرەي، بولمىسا بۈگۈن كەچتە پويىز ۋوگزالىدا تۈنەيدىغان ئىش چىقىدۇ.
ئۇ كىشى بۇ ئايالدىن چەكسىز مىننەتدار بولدى، ھاياجاندىن ئايالغا تىزلاندى.
ئۇ كىشىنىڭ بۇ ئۆمرىدە باشتىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىراق ئايالنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئاشۇ ياردىمى ئۇنىڭ ئازاب تارتقان يارا يۈرىكىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بولدى. كىشى بۇ دۇنيادا بەك كۆپ نەرسىنى ئارزۇلاپ كەتمەيدۇ، ئاددىيغىنە بىر ئېغىز ئىللىق سۆز، بېشىغا كۈن چۈشكەندە سۇنۇلغان ئاشۇ بىر جۈپ قول ...مۇشۇلار يېتەرلىك.
20
ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئەسكى-تۈسكە تېرىدىغان بىر مېيىپ ئادەم چىقتى، ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر ئەسكى-تۈسكە تېرىدىغان ئادەم چىقىپ يانچۇقىدىن پۈرلىشىپ كەتكەن ئۈچ يۈەن پۇلنى چىقىرىپ، ئىككى يۈەنگە بېلەت ئالدى، بىر يۈەننى ھېلىقى مېيىپ ئەسكى-تۈسكە تېرىدىغان ئادەمگە بەردى ھەمدە:
-مېنىڭ تېنىم ساق، ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ تۇرۇڭ، كېيىن پۇلۇم بولغاندا ئاندىن كۆپرەك بېرەي.
بەزى كىشىلەر بىر پارلاق نۇرغا ئوخشايدۇ. ئۆزى قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق باشقىلارنىڭ دۇنياسىنى يورۇتۇشقا تىرىشىدۇ. تۇرمۇش ھەربىرىمىزگە ئاسان ئەمەس.
سىز بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانچىلىك ئادەمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئىگىلىنىشىچە، ھەر بىر بوتۇلكا ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىل ئوكۇلىنى ياساشقا 10 مىڭ نەپەر قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى كېرەك بولىدىكەن، يەنى 10 مىڭ نەپەر قان تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىن ئاران بىر بوتۇلكا ئىممۇنىتېتلىق شار ئاقسىلى ئايرىۋالغىلى بولىدىكەن.
كۆردىڭىزمۇ؟
بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 10 مىڭ ئادەم تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئۆتكەن ئون ئايدا بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق. ئەتراپىمىزدىكى بەزى دوستلىرىمىزنىڭ دۇكىنى تاقىلىپ قالدى، بەزىلىرى ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن دوقۇرۇپ يۈردى، يەنە بەزىلىرى ئىشسىز قالدى. يىلنىڭ بېشىدا كۆپ پۇل تېپىپ، ياخشى ياشاشقا بېرىلگەن قەسەملەر قۇرۇق خىيالغا ئايلاندى. بىراق ئاخىرى ھېس قىلدۇقكى، ھەربىر كۈننى تىنچ-ئامان، ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈش ھەممىدىن ئەۋزەل ئىكەن.
يۇقۇم مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر قەيسەرلىك بىلەن ئالدىنقى سەپتە كېسەل بىلەن كۈرەش قىلدى. كەلكۈن ئاپىتى بولغاندا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى. كىشى ھاياتىدا ھەرخىل مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ھېچكىمنىڭ ھاياتى بوران-چاپقۇنسىز ئۆتكەن ئەمەس. قەيسەرلىك بىلەن توختىماي تىرىشساقلا قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، گۈزەل كەلگۈسىگە يېقىنلىشالايمىز. توردا سورالغان «ھاياتىڭىزدا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغان بىر پەيت بولۇپ باققانمۇ؟» دېگەن مۇنۇ بىر سوئال دىققىتىمنى تارتتى.
بىر تورداش: «ئەتىگەندە ئاران تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىشقا بېرىشقا تەق بولغاندىن كېيىن ئىشىكتىن چىقتىم. پاكىز سۈپۈرۈلگەن كوچىلارغا قاراپ قاق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ كوچىلارنى پاكىز تازىلاپ قويغان مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا ھۆرمىتىم قوزغالدى، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. ئاپتوبۇسقا چىقتىم، ھەركۈنى ئاپتوبۇس شوپۇرىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى بېكەتتە ۋاقتىدا توختاپ بېرىشىدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن، شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىشقا كېچىكىپ باقمىدىم. دۇنيا يەنىلا گۈزەللىككە تولغان. ئىشقا كەلدىم، لىفىت ئىشىكى يېپىلىپ كېتەي دېگەندە لىفىت ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردىم، بىرەيلەن مەن ئۈچۈن لىفىت كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرغانىدى، لىفىتكە چىقتىم. ..دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرىنى تۇرمۇشنىڭ مۇشۇنداق ئۇششاق ھالقىلىرىدىن ھېس قىلالايمىز».
بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئەمەس، لېكىن بەزىلەر ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ناچارمۇ ئەمەس. ئەڭ قىيىن تۇرمۇشتىنمۇ خۇشاللىق تاپالايمىز. 2020–يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىنى كۆپچىلىكنىڭ ئامان-ئېسەن، ساق-سالامەت ۋە بەختىيارلىقتا ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.