بۆرەك نېمىدىن قورقىدۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-05
來源:بەيدۇ

يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجۇ شەھىرى خۇيياڭ رايونىدىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئەر ئۆزىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى ئاشكارىلىدى، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىچىش راستتىنلا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرى ئادەتتە« گازلىق سۇ» دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، كولا، شۆبى قاتارلىقلار بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا كاربون ئوكسىدى قاچىلانغان ئىچىملىكتۇر. مەملىكىتىمىزدە كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئىچىملىك سۇدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستېمال قىلغۇچىلار ئاساسلىقى 16 ياشتىن 25 ياشقىچە.

بىز ئالدى بىلەن كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ كاربونىك كىسلاتا، فوسفات كىسلاتا، لىمون كىسلاتاسى، فرۇكتوزا، كوففېئىن قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاز مىقداردا ئىچىسە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ . ئەگەر ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلىنسا، سېمىزلىك، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزىلەر كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرى تەركىبىدىكى فوسفات كىسلاتاسى بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ دېيىشىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ تەسىرىدە فوسفات كىسلاتا تۇزى ھاسىل قىلىدۇ. %70 فوسفات كىسلاتا تۇزى ئىنچىكە ئۈچەي شىللىق پەردىسى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىدۇ. ئاندىن بۆرەككە كىرىپ، سۈيدۈك بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، فوسفورنىڭ قوبۇل قىلىنىشى قانچىلىك بولسا بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ؟ «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ پايدىلانما قوبۇل قىلىنىش مىقدارى»دا كۆرسىتىلىشىچە، فوسفورمۇ ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئېلېمېنت بولۇپ، دۆلىتىمىزدە قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان مىقدارى ھەر كۈنى1000mg، ئەڭ زور بەرداشلىق بېرىش مىقدارى كۈنىگە 3500mg ئىكەن. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قۇتا 330 مىللىلىتىر كولانىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 41mg فوسفات بار بولۇپ، 3500mg بەرداشلىق بېرىش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەقىقەتەن ئاز ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرىدىكى فوسفورىك كىسلاتا بىلەن بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.

بۆرەك ئىقتىدارى نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرىنى ئىچكەندە بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئەمما بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغانلارغا نىسبەتەن، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەي يولىدىكى فوسفورنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ۋاقتىدا بۆرەك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرالماي، يۇقىرى فوسفورلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى فوسفورلۇق قان كېسىلى بۆرەك زەخىملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا تەدرىجىي ھالدا بۆرەك زەئىپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت قوبۇل قىلىنغان فوسفور ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئېھتىياجىدىن 23 ھەسسە ئېشىپ كەتسە، قاندا فوسفور زىيادە كۆپ يىغىلىپ قېلىپ، كالتسىينى كۆپ مىقداردا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ-دە، سۆڭەكنىڭ كالتسىيلىشىشى، سۆڭەك شالاڭلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاندىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاسانلا كالتسىي ئىيونى بىلەن سۈيدۈكتىكى باشقا ماددىلاردا ئېرىمەيدىغان چۆكمە ھاسىل قىلىپ، بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ.

لېكىن مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، يۇقىرى فوسفورلۇق قان كېسىلىگە قارىغاندا زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولغىنى، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر ئېلىپ كەلگەن شېكەر، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىدۇر. بىر قۇتا 330 مىللىلىتىرلىق كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكىدىكى قەنت مىقدارى ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قاچا گۈرۈچ تامىقىغا باراۋەر كېلىدۇ. شۇڭا، كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىنىدىغان قەنت مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، قاندىكى ماي ئۆرلەپ كېتىش، قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئۆرلەپ كېتىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىملىق بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىلگىرى ئون نەچچە ياشلىق بىر بالا ئۇزاق مۇددەت كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكى ئىچىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىككى قولىنىىڭ بوغۇملىرى ئېگىلىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مۇددەت كولا ئىچىشتەك بۇ ناچار ئادىتى تۈپەيلىدىن، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، ئۇزاق مۇددەت قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشى بۆرەككە زىيان يەتكۈزۈپ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، كولا تەركىبىدە يەنە مىكرو مىقداردا كوفېئىن بولۇپ، چوڭ مېڭىدە دوپامىن قويۇپ بېرىپ، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. لېكىن كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوفېئىننى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تەرەپتىن، كوفېئىن قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، كوفېئىن بەدەندىكى كالتسىي ئىيونلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈيدۈكتىكى كالتسىي ئىيونلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ھازىر كۆپچىلىك كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ كاربونىك كىسلاتا ئىچىملىكلىرىنىڭ ئۆزى بىخەتەر بولۇپ، كۆپچىلىك قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىچكەندە يەنىلا سالامەتلىككە بەلگىلىك زىيان يېتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. دىئابېت كېسىلى، بۆرەك ئىقتىدارى بىنورمال ياكى بۆرەكتە تاش پەيدا بولغان، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى كىشىلەرگە نىسبەتەن كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.