ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە ساغلام كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئورتاق تۆۋەنلىدىمۇ؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-05
來源:تېڭشۈن تورى


بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەدەننىڭ مۇھىم بىر سىگنالى، ئۇ بەدەندە يۈز بەرگەن فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى كۆرسەتكۈچ، مېتابولىزم سۈرئىتىنىڭ بىر بەلگىسى. ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانداق بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھېسابلىنىدۇ؟ 37 سېلسىيە گىرادۇسمۇ؟

1851-يىلى، گېرمانىيە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى كارل ۋېندىلىش، لېبىش شەھىرىدىكى 25 مىڭ بىمارنىڭ قولتۇق ئاستى بەدەن تېمپېراتۇرىسى سانلىق مەلۇماتىنى توپلىغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ℃37 نى «نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى» ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن. يېقىنقى ئىككى ئەسىردىن بۇيان، بۇ تېمپېراتۇرا ھەممە ئادەمنىڭ دېگۈدەك قىزىپ قالغان-قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ كەلدى، بەزىدە يەنە كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىمۇ ئۆلچەشكە ئىشلىتىلدى.

ئەمەلىيەتتە، كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەممە ئادەمگە، ھەممە ۋاقىتقا ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك «نورمال» بەدەن تېمپېراتۇرىسى يوق. ئادەمنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا بىر كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۆزگىرىش بولىدۇ، سەھەردە ئەڭ تۆۋەن، كەچقۇرۇندا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى كېسەل ۋاقتىدا ئۆزگىرىدۇ، ھەرىكەت مەزگىلى ۋە ھەرىكەتتىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللارمۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر يەككە تەن بىلەن يەككە تەن ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەۋېتىپتۇ.

2017-يىلى، ئەنگلىيەدە 35 مىڭ 488 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئاران 36.6 ئىكەن. يالغۇز بۇلا ئەمەس، 2019-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، 1862-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى نەچچە يۈز مىڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆتكەن 150 نەچچە يىلدا ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقانلىقى بايقالغان، بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىلىقلار (ئاساسلىقى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ پالوئالتو شەھىرىدىكى كىشىلەر) نىڭ نورمال بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 36.4 ئىكەن.

بۇ خىل فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ بىر خىل ئاساسلىق قاراشتىكىلەر، شەخسىي تازىلىق، مۇھىت تازىلىقى ۋە داۋالاش شارائىتى ياخشىلانغان رايونلاردا، كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. بىر تەبىئىي مەسىلە شۇكى، بۇنداق ئۆزگىرىش ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدەك سانائەتلىشىشى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان دۆلەتلەردىلا يۈز بېرەمدۇ؟ يېقىندا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى دوختۇر ۋە ئىنسانشۇناسلاردىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات كوللېكتىپى ئۆزگىچە بىر رايوندا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ جاي بولىۋىيەنىڭ ئامازون رايونى بولۇپ، ئۇ يەردە تىسمانلار (Tsimané) دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك قەبىلە بار.

تىسىمانلار چەت، يىراق رايونلاردا ياشايدۇ، ئۇ يەردە ھېچقانداق زامانىۋىي ئەسلىھەلەر يوق، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ. تەتقىقاتچىلار بولىۋىيەدىكى دوختۇر ۋە تەتقىقاتچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 2002-يىلىدىن باشلاپ، 16 يىل ئىچىدە، شۇ جايدىكى ئوخشاش بولمىغان كەنتلەر ئارىسىدا يۈرۈپ، بىمارلارنى داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ھەربىر بىمارنىڭ كېسەل كۆرسەتكەن ۋاقتىدىكى كېلىنىكىلىق دىياگنوزى ۋە يۇقۇملانغان ياللۇغنىڭ بىيولوگىيەلىك بەلگە ئۇچۇرىنى خاتىرىلىگەن. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تىسمانلارنىڭ 2002-يىلىدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 37 بولۇپ، ئىككى ئەسىر ئىلگىرىكى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ قېتىم 5500 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ 18 مىڭ پارچە سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ھەمدە باشقا بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللار (مەسىلەن، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلار) غا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار 16 يىل ئىچىدە تىسمانلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى، ھازىر تىسمانلارنىڭ ئوتتۇرىچە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەخمىنەن ℃36.5 ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 20 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېسمانلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى تۆۋەنلەش دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش بولغان. يېقىنقى مەزگىلدىكى «ئىلىم-پەن تەرەققىياتى» ژۇرنىلىدا، تەتقىقاتچىلار بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىلىقلار بولسۇن ياكى تېسمانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ؟ بولىۋىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات ئورنى ئېرىشكەن زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن، تەتقىقاتچىلار بىر قىسىم مۇمكىن بولغان جاۋابلارنى تاپتى. ئالدى بىلەن، بەلكىم يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىدەك، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھازىرقى زامان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولغان يېنىك دەرىجىدىكى يۇقۇملىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە بولىۋىيىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېسمانلار ئارىسىدا يەنىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. شۇڭا، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، پەقەت يۇقۇملىنىشنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق كۆزىتىلگەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق، ھازىر يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ، قىشتا پار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۇنچە كۈچەپ تەڭشىمىسىمۇ بولىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە تېسمانلار تېخىمۇ كۆپ كىيىم-كېچەك ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ پەسىل ۋە ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېچقانداق ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلمەيدۇ. شۇڭا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ھېچقانداق بىر ئامىل مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، بۇ بەلكىم كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئالىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نېمە ئۈچۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش يەنىلا ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مەيلى سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئاممىۋىي سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاجىز، يۇقۇملىنىش يەنىلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان يېزا ۋە ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدىمۇ ئىنسانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بۇ تەتقىقات تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋاللارنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۇچۇرىدىن باشلاپ كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنغان. تەتقىقاتچىلار بۇ بايقاشنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنى قوزغاپ، مۇھىت بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ تېز سۈرئەتتە ئۆلچىنىدىغان بەدەن كۆرسەتكۈچى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى يېڭى قاراش بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.