تىرامپ: ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقارسۇن!

alkuyi.com
2020-11-06
來源:qq.com

بايا ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 6-چېسلا سائەت 2 دە (بېيجىڭ ۋاقتى 15 ئەتراپىدا)، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ توردا يەنە يازما ئېلان قىلدى. ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن قانۇنلۇق سايلام بېلىتىگە تايىنىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئاسانلا غەلىبە قىلدىم. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەرقانداق غەيرى ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا ھازىرقى مەزگىلدە ئەۋەتىلگەن ۋە تاشلانغان سايلام بېلىتى چوقۇم قانۇنسىز سايلام بېلىتى دەپ بېكىتىلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىشى كېرەك».

ترامپ تىلغا ئالغان «كۆزەتكۈچى» ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىدىكى بېلەت ھېسابلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان ئەل رايىنى تەكشۈرگۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىدىكى كۆزەتكۈچىلەر فىلادېلفىيە شەھىرىنىڭ بېلەت ھېسابلاش جەريانىنى يېقىندىن نازارەت قىلسا بولىدۇ، دەپ كېسىم چىقارغان».

بىراق 5-چېسلا كەچتتىكى «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى «ئەل رايىنى تەكشۈرۈش كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ فىلادېلفىيەدە بېلەت ھېسابلاش ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، فېدېراتسىيە ئەرزى سۇنغان. تىرامپ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى مۇنداق دېگەن: «سايلام كۈنى بىزنىڭ بىر ئادۋوكاتىمىز فىلادېلفىيە سايلام بېلىتىدىكى خەتنىڭ مەزمۇنىنى كۆرەلمىدى».