34 ياشلىق ئەر ئايالىنى تاشلاپ 52 ياشلىق ئايالغا بۇزۇلدى

alkuyi.com
2020-11-06
來源:qq.com

يېقىندا خېنەن پۇياڭ شەھىرىدە ۋاڭ خانىمنىڭ يولدىشى دىڭ فامىلىلىك بىلەن پەقەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپلا رەسمىي گۇۋاھنامە ئالمىغانلىقى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبلىك تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

31 ياشلىق ئايال 52 ياشلىق ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ توي تۇرمۇشىغا قىسىلىۋالغانلىقىنى پاش قىلدى

31 ياشلىق ۋاڭ خانىمنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسلانغاندا پۇياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم ئىدارىدە خىزمەت قىلىدىغان چياۋ فامىلىلىك بىلەن ئېرى ئۇزۇن مۇددەت غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ توي تۇرمۇشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ۋاڭ خانىمنىڭ ئېرى بۇ يىل 34 ياش، ئۇنىڭ بىلەن تېپىشىپ قالغان چياۋ فامىلىلىك بولسا بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ خانىمنىڭ قولىدا ئېرى دىڭ فامىلىلىكنىڭ چياۋ فامىلىلىككە بۇزۇلغانلىقىغا ئائىت ئېنىق پاكىتلار بار ئىكەن. ۋاڭ خانىمنىڭ يەنە دېيىشىچە ئېرى كۆپ قېتىم كاماندروپكىغا چىقىپ كېتىش باھانىسى بىلەن چياۋ فامىلىلىك بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن. ئىككىسى باردى-كەلدى قىلىپلا قالماي يەنە بىللە تاماق يەپ، ساياھەتكە چىققان. ھەتتا ئېرى كۆپ قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتماي دىڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بارغان.

چياۋ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ دىڭ فامىلىلىك بىلەن گۇۋاھنامە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

چياۋ فامىلىلىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ دىڭ فامىلىلىك بىلەن رەسمىي توي مۇناسىۋىتى ئورناتقان. پاش قىلغۇچى ۋاڭ خانىم بىلەن دىڭ فامىلىلىك بولسا تويسىز بىللە تۇرغان مۇناسىۋەتتە ئىكەن. ئىگىلىنىشچە ۋاڭ خانىم بىلەن دىڭ فامىلىلىك پەقەت مېھمانلارنى چاقىرىپ توي مەرىكىسىلا قىلغان، خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىپ رەسمىي گۇۋاھنامە ئالمىغان. شۇڭا قانۇنىي جەھەتتىن رەسمىي ئەر-خوتۇن بولالمايدىكەن.

ۋاڭ خانىم بىلەن دىڭ فامىلىلىك بىللە تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان

دىڭ فامىلىلىك بىلەن چياۋ فامىلىلىك ئۇزۇن ۋاقىت بىللە تۇرغاچقا دىڭ فامىلىلىك بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن كارى بولمىغان. بىر ياشلىق ئوغلىغىمۇ پەرۋا قىلمىغان ۋە يەنە ۋاڭ خانىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلماقچى بولغان.

كېلىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ بىللە تۇرۇش مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بالا ئايال تەرەپ ۋاڭ خانىمنىڭ بېقىشىغا بۇيرۇلغان. ئەر تەرەپ دىڭ فامىلىلىك ھەر ئاينىڭ 5-چېسلاسى ئايال تەرەپكە تاكى بالا 18 ياشقا كىرگۈچە 2500 يۈەن بېقىش پۇلى بېرىدىكەن. 260 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلنىڭ 240 مىڭ يۈەنى ۋە ئەر تەرەپنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 110 مىڭ يۈەنلىك قول سائەت، BMW 5 ئاپتوموبىلى ئەر تەرەپكە تەۋە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەر تەرەپ ئايال تەرەپكە 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇلغان، مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىشكە بولىدىكەن.

سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەلكىم كۆپچىلىكمۇ ئۆيلىنىش خېتىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغاندۇ. ئۆيلىنىش خېتى ئالماي قۇرغان توي پايانسىز دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشايدۇ، ھەر قاچان ئۆرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپچىلىك چوقۇم ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىپ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.