موتورولا ياۋروپادا يېڭى نۇسخىدىكى Moto G9 يانفونىنى ئېلان قىلدى، باھاسى 199 ياۋرو، بىۋاستە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندىكى باھاسى 1552 يۈەن.
بۇ يانفونغا سناپدراگون 662 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىق ساقلاش بوشلۇقى ئىشلىتىلگەن، microSD كارتىسىنى قوللايدۇ.
Moto G9غا 6.78 ديۇملۇق IPS ئېكران سەپلەنگەن، پەرقلەندۈرۈشچانلىقى 1640*720، كەينىدە 64+2+2 مىليون پىكسېللىق ئۈچ دانە كەينى كامېرا ۋە 16 مىليون پىكسېللىق ئالدى كامېرا بار.
باشقا جەھەتتە، Moto G9نىڭ باتارېيە سىغىمى 6000mAH، ئاندىرويىد 10 سىستېمىسى قاچىلانغان، 20Wلىق تېز سۈرئەتتە زەرەتلەشنى قوللايدۇ.