قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كاتتا پائالىيەت كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-05
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىرى

كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات قۇشۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت قوش رەڭلىك توپ 2020111-قارار (مۇكاپات ئېچىلىش ۋاقتى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، يەكشەنبە كۈنى) دىن باشلاپ، ئۇدا 20 قارار مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، قۇشۇپ بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن.

بۇ قېتىمقى مۇكاپات قۇشۇش پائالىيىتى قوش رەڭلىك توپ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى ۋە ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتى سوممىسى 600 مىليون يۈەن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتى 100 مىليون يۈەن، ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر قاتلىنىش مۇكاپاتى 500 مىليون يۈەن.

بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپات پۇلى ھەر قېتىمدا 30 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ قاراردىكى يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئاشقان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىگە، ھەر بىر دوغا شۇ قاراردىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسىغا ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات كۆلچىكىنىڭ جەمئىي سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغاندا، يەككە دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ مۇكاپات كۆلچىكىنىڭ جەمئىي سوممىسى 100 مىليون يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن يۇقىرى بولغاندا، يەككە   دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەن بولىدۇ. ئەگەر شۇ قارارلىق 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات سوممىسى 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكاپات تارقىتىشقا يەتمىسە، ئۇ ھالدا مۇكاپات شەرتىدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ؛ ئەگەر 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتنىڭ شۇ قاراردا قالدۇق سوممىسى بولسا، ئۇ ھالدا يەنە بىر قاراردا قوشۇپ تارقىتىلىدۇ.

1 ـ دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىنىڭ ھەر بىر قارارغا 5 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ قاراردىكى يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن تۆۋەن بولغان 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىگە مۇكاپات قۇشۇپ بېرىلىدۇ، شۇ قاراردىكى مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات دو سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىندۇ، يەككە دو 1 ـ دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 5 مىليون يۈەن. ئەگەر شۇ نۆۋەتلىك 1-دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتى چىقمىسا ياكى قالدۇق قالغان بولسا، كېيىنكى قارارغا قۇشۇپ تارقىتىلىدۇ، 1-دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى يەنىلا 5 مىليون يۈەن بولىدۇ.

6-دەرىجىلىك ھەسسىلەش مۇكاپاتى شۇ مەزگىلدىكى يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىگە قۇشۇپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر دو ئۈچۈن 5 يۈەن مۇقىم مۇكاپات بېرىلىدۇ، مۇكاپات تاكى تارقىتىلىپ تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.

ئارزۇ تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، مېھىر-مۇھەببەت مۆجىزە يارىتىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2003-يىلى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، سانسىزلىغان لاتارىيەچىلەرنىڭ بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. 2020 ـ يىلى 10 ـ ئايغىچە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 670 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، جامائەت پاراۋانلىق فوندى 230 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. توپلانغان جامائەت پاراۋانلىق فوندى مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلاش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ، مېيىپلەرنىڭ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەللىرىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا كەڭ ئىشلىتىلىدى.

بۇ قېتىمقى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدا بىر مىليارد 200 مىليون مۇكاپات تارقىتىلدى، بۇ پائالىيەتنىڭ مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كەڭ لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلار كاتتا مۇكاپات بىلەن رىشتە باغلاش بىلەن بىللە، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ، خۇشاللىققا ئېرىشىپ، ئارزۇغا كۈچ قوشۇپ، جامائەت پاراۋانلىقىغا ھۆسن قوشىدۇ! پاراۋانلىق لاتارىيە قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كاتتا پائالىيەت پات ئارىدا رەسمىي يولغا قۇيىلىدۇ، بىزگە قوشۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!

1.png