ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ۋۇ ئەپەندى 27 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-05
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

10 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە تىجارەت قىلىدىغان ۋۇ ئەپەندى ئۆيىگە يېقىن جايدىكى بانكىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرمەكچى بولۇپ، بانكىغا كەلدى ۋە نومۇر ئالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىدا 52 ئادەمنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ۋۇ ئەپەندى ئاز دېگەندە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك نۆۋەت ساقلاشنى ئويلاپ، بانكىدا قاراپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، بانكىنىڭ يېنىدىكى 65295201 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ، قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاي دەپ ئويلىدى.

چىڭقى چۈش ۋاقتىدا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغان لاتارىيەچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ۋۇ ئەپەندى تىنچ كەيپىياتتا يېقىنقى مەزگىلدىكى قوش رەڭلىك توپنىڭ يۈزلىنىشىنى ياخشى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلدى، چوڭ مۇكاپات چىقمىسىمۇ كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىمۇ ياخشى ئىش. ئۆزىنىڭ يۈزلىنىش خەرىتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، بانكىنىڭ نومۇر چاقىرىشىغا دەخلى يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىگەچكە، ۋۇ ئەپەندى يەنە ېلېفون ئارقىلىق قوڭغۇراقنى تەڭشەپ قويدى بۇنداق بولغاندا ۋاقىت توشسا تېلفۇن قوڭغۇرىقى سايراپ ئۇنىڭغا ئەسكەرتىش بېرەتتى.

ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ۋە تاللاش ئارقىلىق، ۋۇ ئەپەندى ئەڭ ئاخىرىدا«10 + 2» قوش نومۇرلۇق توپنى تاللىدى، قىزىل توپ: 03، 06، 09، 61، 71، 91، 52، 62، 92، 33، كۆك توپ: 02 ، 08. بېلەت چىقىپ بولغاندىن كېيىن ۋۇ ئەپەندىم يان تېلېفونىغا قارىدى، بانكىدىكى نۆۋەتىمۇ كىلىپ قالاي دېگەن ئىدى، ئۇ سېتىۋالغان لاتارىيە بېلىتىنى ھەميانىغا سېلىپ قۇيۇپ بانكىغا يېنىپ كەلدى.

شۇ كۈنى سودا بەك ئالدىراش بولغاچقا، ۋۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋۇ ئەپەندى يەنە بىر قېتىم ئۆيىگە يېقىن بانكىغا بېرىپ كەسىپ بېجىرگەن، 65295201 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتكەندە، ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەميانىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى ئېسىگە ئالغان، بانكىدىكى كەسپىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىراپ پاراۋانلىق پونكىتىغا بېرىپ شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ۋۇ ئەپەندىنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى، ئۇنىڭ« 10 + 2» قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى ئىچىدە قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2020102-قاراردا 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 5 دو، 4-دەرىجىلىك مۇكاپات 55 دو، 5-دەرىجىلىك مۇكاپات 150 دو، 6-دەرىجىلىك مۇكاپات 55 دو چىققان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 27 مىڭ 775 يۈەن بولغان.

گەرچە كاتتا چوڭ مۇكاپاتقا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋۇ ئەپەندى ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىدى، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي:«ـــ ئەسلىدە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش لاتارىيەب بېلىتى سېتىۋالغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات چىقتى، بۇمۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ھېسابلىنىدۇ. 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسەممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگىنىم مېنىڭ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشدىغان ۋاقتىم تېخى كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»ــ دېدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ۋۇ ئەپەندى بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا ئادەتتىكى روھىي ھالەت بىلەن قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى، ئامەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، كېلەر قېتىم پۇرسەت بولسا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.

2.png