0ئاينىڭ 13كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2020100-قارار قىزىل توپ نومۇرى:01، 07، 15، 16، 20، 23، كۆك توپ نومۇرى:07 بولدى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر لاتارىيەچى 11 + 5 لىك چوڭ قايتىلانما لاتارىيە بېلىتى بىلەن 12 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 198 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1000 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 362 دو 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 87 مىڭ 410 يۈەن بولدى، يەنە قوشۇمچە 1000 يۈەن قىممىتىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى ھەدىيە بېلىتىگە ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى خۇاڭ ئەپەندى ئادەتتە قوش رەڭلىك توپ ئويناشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن، چۈنكى بۇ خىل ئويۇننىڭ مۇكاپات سوممىسى كۆپ، قىزىقارلىقلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ دائىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، مول بولغان لاتارىيە تەجرىبىسى توپلىغان. خۇاڭ ئەپەندىنىڭ ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلى قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنچە كۆپ يىللىدىن بۇيان قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم، ھەر خىل دو تىكىش ئۇسۇللىرىنى سىناپ باقتىم، سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم يەنىلا قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى، كۆڭلۈمدىكى نۇمۇرنىڭ ھەممىنى تاللىۋالالايمەن.»-دېدى.
مۇكاپات چىققان شۇ كۈنىسى خۇاڭ ئەپەندى يېقىن دوستى بىلەن بىللە ئاقسۇ شەھىرىدىكى 65290242 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئەينى چاغدا پونكىت ئىچىدە نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆزىتىپ نۇمۇر تەتقىق قىلۋاتاتتى ، خۇاڭ ئەپەندىمۇ قەغەز ۋە قەلەم ئېلىپ يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلدى. دەسلەپكى بىر نەچچە قارارلىق مۇكاپات نومۇرىغا قاراپ، سوغۇق نومۇر، ئىسسىق نومۇر ۋە رايون قىممىتىدىن بىر نەچچە قەلب نومۇرىنى تاللاپ، قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلدى، ئاخىرىدا خۇاڭ ئەپەندى تاللىغان قىزىل توپ نومۇرى:03، 07، 09، 01، 51، 61، 91، 02، 32، 72، 92 بۇ 11 نومۇر بولۇپ، كۆك نومۇر 04، 06، 07، 41، 61 دەپ بېكىتىلدى، ئۇ بۇ قوش نومۇرنى ئىككى ھەسسە قىلىپ دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، خۇاڭ ئەپەندى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ 12 قېتىم 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە بىر قانچە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايقاپ، جەمئىي 87 مىڭ 410 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەپسۇسلىنارلىقى خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قىزىل توپ نومۇرىدا «01» بولمىغاچقا نۇرغۇن چوڭ مۇكاپاتتىن قۇرۇق قالدى.
مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، خۇاڭ ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:« نومۇر تاللاش پەقەت ئۆزى ئويلىنىدىغان بوشلۇق، ئەگەر مۇكاپاتقا ئېرىشسە ئەڭ ياخشى جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەگەر مۇكاپات چىقمىسا ھەرىكەت قىلىدىغىنى چوڭ مېڭە بولۇپ قالىدۇ. گەرچە تەكرار دو تىككەندە مۇكاپات چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئەقلىي ۋە ساغلام ھالدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش كېرەك.»-دېدى.