ئامەتلىك لاتارىيەچى لى ئەپەندى 128 مىڭ 450 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

« قوش رەڭلىك توپ» شىنجاڭ رايونىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغدا، ئۈرۈمچىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 2020100-قاراردا بىر دو« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 128 مىڭ 450 يۈەن بولدى.

لى ئەپەندىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقىنىغا خېلى يىللار بولدى، ئۇنىڭ لاتارىيەگە بولغان چۈشەنچىسى ساخاۋەت قىلىشتىن باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئىدى. ئۈرۈمچى سايباغ رايونى چىڭفېڭ يولىدىكى 65010638 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى لاتارىيەچىلەر بىر قەدەر كۆپ توپلاشقان جاي، بۇ پونكىتقا 3D ئويۇنى سېتىۋالىدىغان لاتارىيەچىلەر شۇنداقلا« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ئوينىغۇچىلار توپلىشىپلا قالماي، ھەر قايسى يوللاردىكى«ماھىرلار» توپلانغاچقا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا پات-پات مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك خۇش خەۋەر تارقىلىپ تۇرىدۇ. «ماھىرلار» بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇن ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، نومۇر تاللاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش لى ئەپەندىنى بۇ يەرگە كېلىپ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، لى ئەپەندى ئادەتتىكىدەك 65010638 پاراۋانلىق لاتارىيە ونكىتىغا كەلدى، ئىشىكتىن كىرىپلا، مال ساتقۇچى شياۋجاڭ ئۇنى تونۇپ قېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن: «يېقىندىن بۇيان بۇ يەرگە كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمىدىڭىزغۇ؟»-دېدى، لى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:«يېقىندىن بۇيان سەل ئالدىراش بولغاچقا، ناھايىتى تەستە بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى.»-دېدى، شياۋ جاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ لى ئەپەندىگە: « ھازىر قوش رەڭلىك توپنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بار، سىناپ بېقىڭ، چوڭ مۇكاپات چقىپ قالامدۇ تېخى.»-دېدى.

ئىككىيلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشقاندىن كېيىن، لى ئەپەندى قوش رەڭلىك مۇكاپات نومۇرىنىڭ يۆنىلىش ئىسخېمىسى ئالدىدا تۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىن«11 + 1» نىڭ قايتىلانما بېلىتىدىن بىرنى تاللىدى ، مال ساتقۇچى شياۋجاڭ چىقارغان بېلەتنى لى ئەپەندىگە بېرىپ:« ـــ بۇ قېتىم تاللىغان نومۇر كۆپ! پۇرسەت كۆپ! مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمەن! »-دېدى، لى ئەپەندى لاتارىيەنى قولىغا ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:« ـــ رەھمەت، سىزنىڭ ياخشى سۆزىڭىزدىن پايدىلىنىپ، كۆزىڭىزگە چېلىقىدىغان نومۇرلارنى تاللىۋالدىم،» ـــ دېدى. لى ئەپەندى خوشلاشقاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.

لى ئەپەندى شۇ كۈنى كەچتە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان تورى ئارقىلىق شۇ كۈنى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2020100-قارارلىق مۇكاپات نومۇرىنىڭ: « 01,07، 15، 16، 20، 23-07» ئىكەنلىكىنى بىلدى. باش مۇكاپاتقا پەقەت بىر كۆك نومۇرلا كەم بولۇپ، ئۇ 1 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 30 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 150 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 128 مىڭ 450 يۈەن بولدى.

4.png