كرىستىيانو رونالدو ئۇدا 18 مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چۈشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
來源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە گرۇپاما توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن فېرېنسۋاروسى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى كرىستىيانو رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشتى، بۇنىڭ بىلەن رونالدو ئۇدا 18 مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە پەقەت ئىسپانىيەلىك داڭلىق قاپقىچى كاسىللاسلا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

رونالدو بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇقۇملىنىش سەۋەپلىك چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى كيېۋ دىنامو ۋە بارسېلونا بىلەن ئوينالغان ئالدىنقى ئىككى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان بولۇپ، تۈمەنلىگەن مەستانىلەرنى تەقەززا قىلغان مېسسى بىلەن رونالدونىڭ رىقابىتىمۇ ۋۇجۇتقا چىقمىغان، پەقەت بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئاندىن بۇ مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغان.

2003/2004-يىللىق مۇسابىقە پەسلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن باشلاپ، رونالدو چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشكەن، ئالدىنقى ئالتە مۇسابىقە پەسلى بىر نۆۋەت چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، رونالدو خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە توققۇز مۇسابىقە پەسلى مەيدانغا چۈشۈپ، تۆت نۆۋەت چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇمۇ رونالدونىڭ يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن ئۈچىنچى مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ جەھەتتە رونالدونىڭ ئالدىغا تىزىلغىنى بولسا، ئۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى سابىق سەپدىشى كاسىللاس بولۇپ، كاسىللاس 1999/2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ، 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگىچە، ئۇدا 20 مۇسابىقە پەسلى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چۈشكەن، بۇ جەھەتتە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:4 نەتىجىدە فېرېنسۋاروسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.