ئەڭ يېڭى خەۋەر! بايدېن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا تىرامپتىن ئېشىپ كەتتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
來源:تېڭشۈن تورى

بايدېن يەنە ئېشىپ كەتتى! ئامېرىكا تاراتقۇلىرى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ بېلەت ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىنى يېڭىلىدى، بايدېن ئېرىشكەن سايلام بېلىتى ۋاقتىنچە تىرامپنىڭ ئالدىدا تۇردى!

بايا، ئامېرىكا فوكس خەۋەرلىرى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش سانلىق مەلۇماتىنى يېڭىلىدى. نۆۋەتتە، بايدېن (%49.47) ئېرىشكەن سايلام بېلىتى تىرامپ (%49.39)دىن ئېشىپ كەتتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بايدېن ئۈچ مىليون 295 مىڭ 319 پارچە سايلام بېلىتىگە، تىرامپ ئۈچ مىليون 289 مڭ 725 پارچە سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن.

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ھەپتىدە 20 سايلام بېلىتى تاشلىغىلى بولاتتى، لېكىن ھازىر بېلەت ھېسابلاش خىزمىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى. ئامېرىكا بويىچە ئومۇمىي سايلام بېلىتى 538 بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن 270 بېلەتكە ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى سايلامدا ئۇتۇپ چىقالايدۇ.
فوكس خەۋەرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تىرامپ نۆۋەتتە 214 سايلام بېلىتىگە، بايدېن 264 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن.