تۇغۇت ئۆيى يېڭى ھاياتلىققا نىسبەتەن خۇشاللىق ۋە ئامالسىزلىققا تولغان جاي. بۇ ۋاقىتتا خوشال بولىدىغىنى دادا، ئامالسىز قالىدىغىنى ئانا. بىز بۇ جايدىكى ھېكايىلەرنى بەك كۆپ ئاڭلىغان، لېكىن بىر مەسىلىگە ئىزچىل سەل قاراپ كەلدۇق. ئۇ بولسىمۇ« تۇغۇت ئۆيىدىكى غۇرۇر».
ھايات-ماماتلىق ئۆتكىلىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، يېڭى بىر ھاياتلىقنى ئاپىرىدە قىلغان ئايالنى ھەممە كىشى مەدھىيەلەيدۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ تۇغۇت ئۆيىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىمايدۇ.
ئەمدىلا بوشانغان بىر ئانا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىلگىرى يېڭى تۇغۇپ بالا ئېمىتكەندە، ئەتراپتىكىلەر قاراپ تۇراتتى، بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى خۇددى ھايۋانات باغچىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشاش ھېس قىلىپ قالاتتىم، گەرچە كۆپچىلىكنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقىنى بىلسەممۇ، بىراق كۆڭلۈمدە ئىنتايىن بىئارام بولغانىدىم».
كۆپچىلىك بالىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ خىل رەت قىلغىلى بولمايدىغان كۆڭۈل بۆلۈش ئادەمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا تۇغۇتلۇق ئاياللار خۇددى ئۇلارنىڭ شەخسىي سىرى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك ھېسسىياتتا بولىدۇ.
ئېسىمدە قېلىشىچە، مەلۇم باغاقچىدە بىر ئانا بالا تۇغۇش ئالدىدىكى ئەھۋالنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى بالا تۇغىدىغاندەك ئەمەس، بەلكى خاتالىقىم سەۋەبلىك جازا قوبۇل قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدىم».
ئاياللار تۇغۇت ئۆيىدىن بالنىستقا چىققاندىن كېيىن، بەدىنى ۋە ئەزالىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىدە ھەر خىل كىشىلەر ھەر خىل ناملار بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ كىيىملىرىنى خالىغانچە ئېچىپ، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى كۆرىدۇ ياكى تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دوختۇر سېستىرالارغۇ مەيلى، ئۇلاردىن سىرت بالىنىڭ ھاممىلىرى، چوڭ ئانىلىرى قاتارلىقلار قىلچە ئەيمەنمەستىن، داۋالاش جەريانىدىكى بەزى كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان جايلارغا قاراپ تۇرىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا شەخسىي سىر دېگەن ئۇقۇم قىلچە مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بۇ خىل تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدىغان ئوڭايسىزلىق ۋە ئازابنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بەزى نازۇك نۇقتىلارنى بالا تۇغۇپ باقمىغانلار ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن. ئەمدىلا تۇغقان بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئېمىتكەندە ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىش قارىماققا كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ، مەن ئۆزۈمنى ئادەم ئەمەستەك پەقەتلا بالا ئېمىتىش ماشىنىسىدەك ھېس قىلىپ قالىمەن. ئۇلار بالىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ، بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق چاغلاردا ئۆزۈم ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.
تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ، ئىشتاننى سېلىش پەقەت بىر باشلىنىش خالاس...
تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇ تارىيىش، ئىچكى تەكشۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالماسلىق، گېمۇروي، يىرتىلىش، يانچە كېسىش، ناركوزسىز تىكىش، پۈتۈن بەدەن سىقىراپ ئاغرىش، بىر ئايغا سوزۇلغان چىللە خۇنى، ئوغۇز سۈتى كەلتۇرۈشتىكى كۆكسى ئاغرىش، بەدەن ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇ نورمالسىزلىنىش...قاتارلىقلارغا ئىشىنىمەنكى خالىغان بىر ئەر كىشى بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئاتالغۇلار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغانلار ھەرگىزمۇ چۈشىنەلمەيدۇ. ئەگەر تۇغۇش سىناقلارنىڭ باشلىنىشى بولسا، ئۇنداقتا تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ «پارچە-پارچە» بولۇشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تۇغۇتتىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر: 1. تۇغۇش جەريانىدا ئۇزۇن ۋاقىت كۈچىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش. 2. بالا كۆتۈرۈش ۋە ئېمىتىشتىن كېلىپ چىققان بەل تېلىپ ئاغرىش، بالىياتقۇ تۆۋەنلەش، دوۋسۇن چىڭقىلىش، بالىياتقۇغا سۇيۇقلۇق يىغىلىۋېلىش، تۇغۇت دېغى، ئەمچەك توپچىسى يېرىلىش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش بىلەن تەرەتتىن كېيىن مەقئەت ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىش، كۆكسى چىڭقىلىپ ئاغرىتىش.....قاتارلىقلار.
جەمئىيەتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن مۇنداق ئىدىيە بار. ئۇ بولسىمۇ ئانا بولغانىكەن، بۇرۇنقى نازۇكلىقىنى تاشلاپ چىداشلىق بولۇشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، ئاياللاردىكى نومۇس كۈچى ۋە شەخسىي سىرىنى مۇھىم بىلىشى بالىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردە توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلەمدۇ؟ بەلكىم كۆپچىلىك شۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىن، يەنى ھەممەيلەننىڭ ئانىلىرى ئانا بولۇشتىن ئىلگىرى ئوخشاشلا ئەركە، غەمسىز،خىجىلچان قىز ئىدى.
تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا چوڭ-كىچىك تەرەت سېزىمىنى يوقىتىپ ئامالسىز تەرەت قىلىپ قويۇشى، باشقىلارغا نىسبەتەن نورمال ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن نومۇس ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن سىيىشى قىيىنلىشىدۇ، شۇڭا سۈيدۈك نەيچىسى سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا داس تۈۋى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ئازراق ھەرىكەت قىلسا ھەتتا چۈشكۈرسىمۇ سۈيدۈك چىقىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا سۈيدۈك كېسەل كارىۋىتىنىڭ يېنىدىكى تەرەت قاچىسىغا شارقىراپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. مانا شۇنىڭدەك ۋاقىتلاردا باشقىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرىۋالسا، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئۇلار خىجىللىق ھېس قىلماي قالامدۇ؟
ئەسلىدە ئىش-ھەرىكىتى نورمال، ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى بار ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى ھالى شۇ قەدەر خارابلىشىپ كېتىدۇ. يەنە تۇغۇتتىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە 24 سائەت قەغەز زاكىغا تايانغاندىلا، ئاندىن نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ ئاجىزەلەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىنى كەمسىتىش ۋە نومۇس تۇيغۇسى، پەقەت كۈچلۈك روھىي تەسەللىگە ئېرىشكەندىلا ئاندىن مەلھەم تاپالايدۇ. قىرقى مەزگىلىدىكى كۆكسى چىڭقىلىش، سۈت توسۇلۇپ قېلىش، ياللۇغلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىپادىلىگۈسىز ئازاب. بۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغىنى ھۆرمەت، چۈشىنىش، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قوغداپ، ئۇلارغا يۈز بېرىشتىن ئىبارەت. ئەمما، كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىنىدا، ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ۋە ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ. مەلۇم بىر مۇخبىر ئۆزىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ ئامالسىزلىقتىن مۇنداق دەيدۇ: «سېسترا مېنىڭ مەخپىي يېرىمنى يۇيۇپ قويۇش جەريانىدا، كېسەلخانىدىكى باشقا ئاياللارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ھەتتا ئەرلىرىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالمىغانىدى. شۇ دەقىقىدە، مەن ئۆزۈمنى ئايال كىشى ئەمەستەك، پەقەت بىر بالا تۇغۇش ماشىنىسىدەك ھېس قىلغانىدىم». تاشقى مۇھىت ئېلىپ كەلگەن نومۇس تۇيغۇسى تېخى ئاخىرلاشمايلا، تۇغۇتلۇق ئاياللار يەنە ئائىلىسىدىكىلەر ئېلىپ كەلگەن «بېسىم»لارغا يۈزلىنىدۇ.
سىز مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ يوق؟ يەنى «قىرقى مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولمايدۇ»، «قىرقى ئىچىدە ئۇنى- بۇنى يېيىشكە بولمايدۇ»، «قىرقى ئىچىدە چىققان تەرنى چوقۇم ئۆز ۋاقتىدا سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك» ... دېگەندەك. تۇغۇتتىن كېيىن بەدەننىڭ ئۆزگىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئەسلىگە قايتىش بىر قەدەر قىيىن. يەنە بىرى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ چېگرا تۇيغۇسىغا نىسبەتەن تەلىپى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى يوق. ھەتتا تۇغۇتلۇق ئاياللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، تاللاش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ. قىرقى مەزگىلىدە چوڭلار پەقەت بالىغا سۈت چىقىشىنى ئويلاپ، ئۇلارنى مايلىق گۆش، شورپا، يەنە يېگۈسى يوق بىر قاتار نەرسىلەرنى يېيىشكە قىستايدۇ، تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئىلمىي ئوزۇقلىنىشقا ئېتىبار قىلمايدۇ، شۇ سەۋەبلىك قەۋزىيەت، مەقئەت يېرىلىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن باشلاپ چوڭلار ئۇلارغا تۇخۇم يېگۈزىدۇ، ھەتتا بىر قېتىمدا ئوننى يېيىشنى تەكىتلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت، مايلىق گۆشتە قاينىتىلغان شورپا ئىچىشى كېرەكلىكىنى، دوختۇرنىڭ چەكلىمىسى بويىچە ئىش قىلسا، سۈت كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ھېسسىياتىغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايدۇ، ھەممە ئىشتا يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەممەيلەن پەقەت بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسىلا كۇپايە، ئانىنىڭ روھىي-كەيپىياتى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس...
كىشىلەر ئارىسىدا: «ئاياللار ئانا بولغاندىن كېيىن، پولات كەبى تاۋلىنىپ كۈچلۈك بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئەمەلىيەتتە ئاياللار تولىمۇ ئاجىز كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۆزىنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي، ئائىلە، پەرزەنت ۋە يولدىشى ئۈچۈن ياشلىقىنى بېغىشلىشى، نۇرغۇن ئىشلاردا دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ لېۋىنى چىشلەپ، كۆتۈرۈشلۈك بولۇشى... قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىكى قۇربانلىق بېرىشىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ئۈچۈن، ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئىززەت-ھۆرمىتى، غورۇرى قوغدالسا توغرا بولاتتى. ئەپسۇس نۇرغۇن ئاياللار شۇنچىلىك مەنىۋى ئوزۇققىمۇ ئېرىشەلمەي، ئەكسچە يولدىشى ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىدۇ، كۆڭلى ئازار يەيدۇ. بۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولماي نېمە؟ يەنە مۇنداق بىر گەپ بار يەنى: «ئەرلەرنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغان-كۆرمەيدىغانلىقىنى، بالا تۇغقاندا بىلىسىز» دەيدىغان. بۇ گەپنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. دەرۋەقە، «بالا تۇغۇش ئارقىلىق كېيىنكى تۇرمۇشنىڭ سىيماسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ» دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن، ئىززەت-ئابرويىنىڭ بولۇش-بولماسلىقىنى ئاساسەن ئېرىنىڭ پوزىتسىيىسى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئېرى سۆيۈپ، قەدىرلەيدىغان، قوغدايدىغان، ئاسرايدىغان ئايالنى باشقىلارمۇ ھۆرمەتلەيدۇ.
ئىلگىرى يۈلىنلىك بىر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بىنادىن سەكرىۋالغانلىق ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانمۇسىز؟ بۇ ۋەقەلىك مۇنداق:
بىر ئايال ئۆزى تۇغقاندىكى ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، ئېرىغا ئوپېراتسىيە ئارقىلىق يەڭگىشنى ئېيتقان، ئەمما ئېرى ئوپېراتسىيەگە كۆپ پۇل كېتىدۇ دەپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىغان. بىچارە ئايال ئېرىنى ماقۇل كەلتۈرەلمىگەنلىكتىن ھەتتا بىر نەچچە قېتىم تىزلىنىپ يالۋۇرغان.
بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلارمۇ ئېرى ۋە ئېرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئايالنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشىسى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشىنى ئەسكەرتكەن، ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرغان. ئاخىرى ئامال قىلالمىغان دوختۇرلار ناۋادا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرسە، مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدىكى كاپالەتنامىگە قول قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئېرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا قول قويۇپ بەرگەن. بىچارە ئايال شۇ تاپتا ئۆزىنى ئادەم ئەمەس، پەقەت بالا تۇغۇش ماشىنىسى ئورنىدا كۆرگەن بۇ يىرگىنىشلىك «يېقىن»لىرىنىڭ خورلۇقىغا چىدالماي، ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك چېكىگە يەتكەنلىكتىن بەشىنچى قەۋەتتىكى تۇغۇت ئۆيىدىن، قورسىقىدىكى تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان بالىسى بىلەن سەكرەپ نەق مەيداندىلا جان ئۈزگەن. ھازىر ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇرۇش ئومۇملاشقان، ھەمدە ئانا-بالىغا نىسبەتەن بىر قەدەر بىخەتەر بولغان تۇغدۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. يۇقىرىقى ھېكايىدىكى ئەر ئەگەر ئايالىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ئازابىنى چۈشەنگەن بولسىدى بۇنداق تىراگېدىيە يۈز بەرمىگەن بولاتتى. جەمئىيەتتە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تىراگېدىيىلەر يەنىلا توختىماي يۈز بېرىۋاتىدۇ. بەلكىم مۇشۇ پەيتتە مەلۇم بىر تۇغۇت ئۆيىدە يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر ياش قىز-يىگىتلەر توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش خەۋپى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى توي قىلمىغانلارمۇ ئېنىق بىلىدۇ. ئاياللار ياشلىق باھارى، بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، تېرە بوشىشىپ كېتىش، كېسەل ئاسارىتى قېلىش بەدىلىگە ئانا بولسا، ئەرلەر پەقەت ئۇخلاپ قوپسىلا دادا بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئۇلار قورساق كۆتۈرگەندىكى
جاپا، تۇغۇتتىكى خەۋپ–خەتەرنى ئۈستىگە ئالماي تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئۆز ئايالىغا نىسبەتەن ئەڭ ئەقەللىي بولغان ھۆرمەت ۋە ئاسراش تۇيغۇسىمۇ يوق؟
ئىلگىرى مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەنىدىم، ئەسلىدە كومېدىيە بولغان بۇ ۋەقەلىك ئاخىرىدا تىراگېدىيىگە ئايلىنىدۇ. بىر يىل ئىلگىرى، بىر ئەر خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇپ تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ تۇغۇشىغا مەدەت بەرگەن.
بىر يىلدىن كېيىن، ئايالىنىڭ تۇغۇش جەريانى كۆز ئالدىغا كېلىپ پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ، ھەمدە ئايالى بىلەن بىللە تۇرۇشنى رەت قىلغان. ئۇ ئايالىغا خىجىل بولماستىن: «مەن سىزنىڭ بالا تۇغۇۋاتقان ھالىتىڭىزنى ئەسلىسەملا، قورقۇنچ ھېس قىلىمەن. ھەتتا سىزنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدى كەتتى» دېگەن. بالا تۇغقاندا ئازابقا تارتىدىغىنى ئانا، ئېرى پەقەت تۇغۇت ئۆيىگە كىرىپ ھەمراھ بولغانغا كۆڭلى ئېلىشقان. جېنىنى ئالقانغا ئەپ قويۇپ ئۇنىڭغا بالا تۇغۇپ بېرىۋاتقان ئايالىنىڭ، قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۇرۇقلۇق، قىلچە مىننەتدارلىق ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلماي ئەكسچە بىزارلىق ھېس قىلىپ ۋاز كەچكەن.
بالا تۇغقان ۋە ئەسلىگە كېلىش مەزگىللىرى، ئاياللارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاجىز ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا تارتقان ئازابى، ئۈمىدسىزلىنىشى، كۆزىدىن ئاققان ھەربىر تامچە يېشى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ساقايماس جاراھەت بولۇپ پۈتۈلۈپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
مەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ھەرگىزمۇ پاسسىپ ئېنېرگىيە بېرىپ، قەلبىگە توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا نىسبەتەن قورقۇنچ سالماقچى ئەمەسمەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت، ۋە جەمئىيەتتە يەنىلا ساقلىنىۋاتقان رېئال مەسىلىلەر. شۇنداقلا شەخسەن ئۆزۈممۇ نۆۋەتتە ياشلاردا ساقلىنىۋاتقان، توي قىلىپ بالىلىق بولۇشتىن قورقۇش پىسخىكىسىنى قوللىمايمەن. چۈنكى توي قىلىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىنساننىڭ ياشاشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ ئارقىلىق ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.
دېمەك، بىر ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن ئەر-ئايال ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، كەمچىللىكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن يول قويۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرايىدىن ئايىماي، پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۈلگە بولۇپ ئۆتەلىسە، بۇ خىل تۇرمۇش ھەقىقي مەناسىنى تاپقان بولىدۇ، ئارتۇقچە كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمەيدۇ. ئەر-ئايال بەختكە، پەرزەنتلەر شادلىققا تولىدۇ.