يېقىندا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ھەم ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان ئەڭ يېڭى قارارلىق دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان توپچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭىلا يۇقۇمدىن ساقايغان كرىستىيانو رونالدو ئوڭۇشلۇق ھالدا تىزىملىككە قايتىپ كەلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا جوتا، فېلىكس قاتارلىق ياش ھۇجۇمچىلارمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاندوررا كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 18-كۈنلىرى ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كرودىيە كوماندىسى ۋە فرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، نۆۋەتتە ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن پورتۇگالىيە كوماندىسى، ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى توپچىلار تىزىملىكى:
قاپقىچى: ئانتونى لوپېس (لىئون)، پاترىسىئو (بۆرە كوماندىسى)، رۇي سىلۋا (گرانادا)
بېك: سېمېدو (بۆرە كوماندىسى)، فونتې (لىل)، رۇبېن دىياس (مانچېستېر شەھىرى)، كانسېلو (مانچېستېر شەھىرى)، رۇبېن سېمېدو (ئولىمپىياكوس)، گېرېرو (دورتمۇند)، دۇئارتې (گرانادا)، مارىئو رۇي (ناپولى)
ئوتتۇرا مەيدان: كارۋالو (خانلىق بېتىس)، دانىلو پېرېيرا (پورتو)، رۇبېن نېۋېس (بۆرە كوماندىسى)، موتىنھو (بۆرە كوماندىسى)، رېناتو سانچېس (لىل)، سېرگىئو ئولىۋېيرا (پورتو)، برۇنو فېرناندېس (مانچېستېر بىرلەشمىسى)
ھۇجۇم: كرىستىيانو رونالدو (يۇۋېنتۇس)، بېرناردو سىلۋا (مانچېستېر شەھىرى)، پېدرو نېتو (بۆرە كوماندىسى)، ترىنكاۋ (بارسېلونا)، جوتا (لىۋېرپول)، فېلىكس (مادرىد ئاتلېتكا)، پاۋلىنھو (براگا تەنتەربىيىسى)