مەيلى قانداقلا ئىش بولسۇن كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزەلىسىڭىزلا بولدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-07
來源:بەيدۇ تورى

تۇرمۇشى ئوڭۇشلۇق چاغدا ھەر بىر ئادەم كۈنلىرىنى غەمسىز ئۆتكۈزىدۇ. تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا بولسا ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇرۇشىدۇ. لېكىن تۇرمۇش ئوڭۇشسىزلىققا تولغان، شۇڭا ئازادە، خوشال-خورام ياشاي دېسىڭىز، تىرىشىپ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىشىڭىز لازىم.

ھايات ئەسلىدىمۇ شۇنچە قىسقا، شۇڭا باشقىلار بىلەن تالاش تارتىش قىلىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق، ئۆز ئۆزىگە قىيداشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. ئۆتمۈشىڭىزنى ئەسلىسىڭىز، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىڭىز بەئەينى چاققان چاقماققا ئوخشايدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالسىڭىز، ئالدىڭىزدىكى ھايات مۇساپىڭىزمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. سىز يۈز يىل ياشىمايسىز، شۇڭا بەختلىك، خۇشال ئۆتكەن ۋاقىتلىرىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، جاپالىق، قايغۇدا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىڭىزنى ئونتۇپ كېتىڭ.

ئادەم ئۆمرىدە خۇشال ئۆتسىمۇ، قايغۇرسىمۇ ئوخشاشلا بىر كۈن ئۆتىدۇ. خۇشال بولسىمۇ، ئاچچىقلانسىمۇ يەنىلا بىر كۈن ئۆتىدۇ. ئەگەر ھەر بىر كۈنىڭىزنى خۇشال-خورام ئۆتكۈزمىسىڭىز، ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزىسىز. تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بۇ ئادەملەرنىڭ ئىچدە بەزىلىرى ئېسىل ئەخلاقلىق، بەزىلىرى ئىنتايىن چاكىنا. بەزىلەر قىزغىن، مەرت، بەزىلىرى ئىچى تار، زەھەرخەندە كېلىدۇ. بەزىلىرى ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىدۇ، بەزىلىرى شەخسىيەتچىلىكتە ئۇچىدا چىققان بولىدۇ. سىز مەيلى قانداقلا ئادەمگە يولۇقماڭ، چوقۇم كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇشىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى جازالىماسلىقىڭىز لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۆتىسىز.

باشقىلار سىزگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇماڭ. باشقىلار سىزنى رەنجىتسە، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماڭ. ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەندە، دوستلار بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولغاندا، خىزمەتداشلار بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغاندا، ئەگەر كەڭ قۇرساق بولمىغاندا، ئۆز ئارا يول قويمىغاندا ئازابلىنىپ قىينىلىدىغىنى ئۆزىڭىز خالاس.

ھاياتلىق مۇساپىسىدە ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش، خۇددى يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىلارغا ئوخشاش بىر بىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ. چەكسىز ئادەم دېڭىزىدا بىر بىرىگە سۈركىلىشىپ ئۆتۈپ كەتكەنلەر بىر كۈنلەرگە بارغاندا يەنە ئۇچرىشىپ قالىدۇ، بەزىلىرى بولسا خوشلاشقان كۈندىن تارتىپ مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ نەھاجىتى، ئەكسىچە ئۇچراشتۇرغان تەقدىرنى، ئۆزى ئېرىشكەن بەختنى قەدىرلەش كېرەك.

شۆھرەتپەرەسلىككە ئارتۇقچە بېرىلمەڭ، نام ئابروي پەقەت بىر مەزگىللىك بولىدۇ، ھوقۇق، پۇل مالمۇ ۋاقىتلىقلا بولىدۇ. ھەممە ئادەم بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كېلىدۇ، ئاخىردا ھېچقانداق نەرسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ھوقۇق، مەنپەئەت تالىشىپ كۆز قىزارتقاندىن سەۋر تاقەت قىلىپ، ئۆز ئارا يول قويغاندا ھەقىقى خۇشاللىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

بەك ئاچكۆز بولۇپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا بايلار، ساغلام ئادەملەر بىلەن بەسلەشمەي، نامراتلارنى، بىمارلارنى، مىيىپلارنى كۆپرەك ئويلاڭ، شۇندىلا سىز كىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.

كاللىڭىزدىن ئۆتسە ئاندىن ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈلەلەيسىز. تېگىگە يەتىسڭىز ئاندىن قانائەت قىلىشنى بىلىسىز. ئېنىق كۆرۈپ يەتسىڭىز ئاندىن كۈلۈپ ئۆتكۈزۋېتەلەيسىز. پەرۋا قىلمىسىڭىز ئاندىن ۋاز كېچىشنى بىلەلەيسىز. پىسەنت قىلمىسىڭىز ئاندىن قانداق تاللاشنى بىلەلەيسىز.

ھەممە ئىشنى چوڭ بىلىپ كىرىشۋالمىسىڭىز كۆكسى-قارنىڭىز تەبىئىلا كەڭ بولىدۇ. ھەممە ئىشنى كاللىڭىزدىن ئۆتكۈزەلىسىڭىز، قەلبىڭىزدە نارازىلىق ئازلايدۇ. ئادەم «ھاماقەت»رەك بولۇشى، ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماسلىقى كېرەك. بىز گەرچە بەزى ئادەملەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتسەكمۇ، لېكىن خالىغانچە ئۇنى پاش قىلىۋېتەلمەيمىز. نۇرغۇن ئادەملەردىن بىزار بولساقمۇ، لېكىن ئاسانلىقچە يۈز ئۆرىيەلمەيمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس، پەقەت قەلبىڭىز نۇرغا تولسىلا، سىز كۆرىدىغان قاراڭغۇلۇق ئاز بولىدۇ.

ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولسىڭىز، بەك داۋراڭ سالماڭ. ئەگەر سىز مەغلۇبىيەتچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ئۈمىدۋار ئالغا ئىنتىلىش روھىنى ساقلىسىڭىزلا، مەڭگۈ پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ قۇۋۋەتكە ئىگە بولغان بولىسىز. بۇ ھاياتىمىزدا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىمىز، بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ئىشلار ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولسۇن، چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ئۇنىڭغا بىمالال يۈزلىنىشىمىز، كۆكسى-قارنىمىزنى كەڭ تۇتۇشىمىز لازىم.

پىسەنت قىلمىساق كاللىمىزدىن ئۆتكۈزسەكلا، خۇشاللىق بىزگە ھەمراھ بولىدۇ، بەخت بىزنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ.