سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق كەچۈرمىشىڭىز بولۇپ باققانمۇ؟
سىز ئۈندىداردا مەلۇم بىر ئادەمگە خەت يوللىماقچى بولغاندا، مۇنداق بىر جاۋابنى تاپشۇرۇۋالدىڭىز:
دوستىڭىز دەلىللىسۇن، سىز تېخى ئۇنىڭ دوستى ئەمەسكەنسىز، ئاۋۋال دوستىڭىزغا قوشۇش ئۇچۇرى ئەۋەتىپ، قارشى تەرەپ دەلىللىگەندىن كېيىن ئاندىن پاراڭلىشالايسىز.
ھېسسىياتقا نىسبەتەن ئەڭ قورقۇنچلىقى دەل مۇشۇنداق ھالەتتۇر. سىز كۈتۈۋاتقان ئۇ ئادەم ئاللىقاچان سىزدىن يىراقلاپ كەتكەن، سىز بولسىڭىز ئەخمەقلەرچە ئۈنسىزلىك بىلەن ئۇنى كۈتۈۋاتقان بولىسىز.
ئۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاپ بولدى، ئەمما سىز بولسىڭىز تېخىچە ئۆتمۈشتىن چىقىپ بولالماي ئۇنى ئەسلەۋاتقان بولىسىز.
ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار ئىلگىرى تەسۋىرلىگۈسىز يېقىن ئىدى، ئەمما ھازىر بولسا ئاللىقاچان يىراقىلىشىپ كەتتىڭلار.
ئەمەلىيەتتە مۇناسىۋىتىڭلار ئۈزۈل-كېسىل ئاياغلاشقان، ئەمما ئۇنى يەنىلا ساقلاپ كەلگەنىدىڭىز. سىز پەقەت تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ سىزنى يۇيىۋەتكەنلىكىنى بىلمەي يۈردىڭىز.
ئەسلىدە سىلەر ئىلگىرى بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلالمايتىڭلار، بىر-بىرىڭلارغا قىيمايتىڭلار. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ئايرىلغاندىن سىرت، كۆرۈشمەيدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردۈڭلار.
دوستلۇق بېتىدىن ئۆچۈرۈلگەندىن باشلاپ مۇناسىۋىتىڭلارغا رەسمىي دەز كەتكەن بولىدۇ. سىلەر بۇرۇنقى سىلەر ئەمەس! بۇرۇنقى مۇھەببەتلىك ھېكايەڭلار يوق بولغان.
ئەگەر ئانچىكى يۇيىۋەتسىمۇ كارايىتى چاغلىق ئادەملەر تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلگەن بولسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇنچە يېرىممۇ بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ياخشى كۆرىدىغان، ئۈنسىز ئۈمىد كۈتۈپ تۇرغان ئادىمى تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلىش بەكلا ئازاب بولسا كېرەك.
ئۇ سىزنى يۇيۇۋەتكەن تەقدىردىمۇ، سىز يەنىلا قارشى تەرەپنى يۇيۇۋېتىشكە قىيمايسىز. يۈرىكىڭىز يەنىلا ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاغرىنىسىز، ئەمما قانداقتۇر بىر قىلىقلىرىنى ئەسلەپ قالىسىز.
ئۇ سۆزلىشىش خاتىرىسىدىكى بۇرۇنقىدەك ئىللىق پاراڭلار، مېھىرلىك دىئالوگلارغا كۆزىڭىز قىيمايدۇ، ئۇنى يۇيۇۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمايسىز.
لېكىن ھەر قانچە ئۇنىڭغا قىيمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمىسىڭىزمۇ ئەمما ھېسسىياتىڭلارغا ئاللىبۇرۇن چاك كەتكەنىدى. ھەممىسى چېكىگە يېتىپ بولغانىدى.
بەزىلەر:
باشقىلار تەرىپىدىن يۇيۇلۇپ كەتكەندە، سىستېما سىزگە ئەسكەرتىپ بەرمەيدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ئازابلىنىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، باشقىلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن ۋاقتىڭىزدا، سىستېما جەزملەشتۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ پۇشايمان قىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ، دەپ تەبىر بېرىدۇ.
رېئاللىق شۇنداق، بەزى ئىشلار يۈز بەرگەنىكەن، بىز چوقۇم قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، شۇڭا، ئايرىلىپ قالغاندا ھېسسىياتىڭىزغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسسۇلى ۋاز كېچىش ۋە بىر-بىرىنى ئەركىنلىكىگە قويۇپ بېرىش.
يۇيۇلۇپ كەتكەن دوستلارنى ئەمدى قايتا قوشماڭ!
يۇيۇلۇپ كەتكەن ئادەمنى قايتا قوشسىڭىز، پەقەت ئاراڭلاردا ئىككىنچى قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئېلىو كېلىدۇ.
بەزىلەر يۇيۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە قارشى تەرەپنى قايتىدىن قوشۇشنى ئويلايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىپ قېلىشىنى ئويلاپ، قايتىدىن باشلىماقچى بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە قايتىدىن باشلاش بەك گۈزەل ئىش، لېكىن قايتىدىن باشلاپلا ھەممە ئىشنى ئەسلىگە ئېلىپ كەلگىلى بولامدۇ؟
لېكىن، نۇرغۇن چاغلاردا مەيلى دوستلىرىڭىز بولسۇن، ياكى ئاشىق-مەشۇقلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار بولسۇن، ئومۇمەن قارشى تەرەپنىڭ ئازار بېرىشىگە، كۆڭلىگە جاراھەت ئۇرۇقىنى چېچىپ قويۇشىغا ئۇچرايدۇ. ھەتتا دوستلۇق بېتىدىن يۇقالغاندا بولسا كۆڭلىدىكى جاراھەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتىدۇ.
چۈنكى يارىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزى، ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ھەر قېتىم ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ يېقىنلىقىتىن ئاخىرىغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرگنىڭىزدە بولسا يۈرىكىڭىز تېخىمۇ ئاغرىشى مۇمكىن.
ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ھېسسىياتى ھەقىقەتەن بەك ئاجىز، ئاجىزلىقىدىن قولى بىلەن يېنىك تەگسىلا، چېقىلىپ كېتىدۇ.
ئەگەر بىر مەزگىللىك ھېسسىيات داۋاملىشىۋەرسە، دوستنى ئۆچۈرۈشتەك بۇ قەدەمنى بېسىش مۇمكىن ئەمەس.
بەزى كىشىلەر ئايرىلىپ قالسا، ئەكسىچە خۇشال بولۇشى كېرەك.
ھاياتلىقتا، يولۇچىلار كېلىپ كېتىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا بەك جاھىللىق قىلىپ كېتىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.
يۇيۇۋەتسەم يۇيۇۋەتتىم، قانچىلىك ئىشتى، ئەمدى بۇنىڭ ماڭا نىسبەتەن كارايىتى چاغلىق دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما شۇ بىر مەزگىللىك ھېسسىياتىڭىزنى بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرالامسىز، بىر ئۆمۈر ئۇنى ئەسلىمەيمەن دېيەلەمسىز؟
ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئويلىشىپ كۆرۈڭ، بەلكىم ھازىر بەرداشلىق بېرىش تەس بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ۋاقىت سىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز ئويلىمىغان ئىشلارنى، ئويلىمىغان قىسمەتلەرنى كۆرسىتىپ قويىدۇ.
ئالدى تەرەپتىكى يول تېخى ئۇزۇن، سىزگە پەرۋا قىلمايدىغان كىشىلەرنى يەنىلا ساقلاپ يۈرۈشىڭىزنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى دوستىڭىز ياكى سىز سۆيىدىغان ئادەملىرىڭىز بولسا سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالايدۇ. ئۇلارنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ.