شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-نويابىر سائەت نۆلدىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار يوق؛ يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 2، ھەممىسى تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلاردىن بايقالغان بولۇپ، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ قەشقەردىن 4 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان؛ قەشقەر ۋىلايىتىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 14 كىشىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.
6-نويابىر سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 74 (يەتتە بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر)، ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە؛ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 327 بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە 306، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 21.
24-ئۆكتەبىر سائەت نۆلدىن 6-نويابىر سائەت 24 كىچە، جەمئىي 4 كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، 23 كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.