ئىكراندىن بارماق تونۇيدىغان iPhone 13 كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىدۇ

alkuyi.com
2020-11-07
來源:qq.com

نۆۋەتتە بىر قىسىم كىشىلەر iPhone 12 سېتىۋېلىش ياكى iPhone 13نى ساقلاش توغرىسىدا ئىككىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، iPhone 12نىڭ سېتىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا چىداپ تۇرالماي iPhone 12نى تاللىغان. گەرچە iPhone 12دىكى ئۆزگىرىشنى بەك چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئالمىنىڭ تۇنجى 5G يانفونى بولغاچقا، بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. iPhone 12 سېتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىنلا، iPhone 13 توغرىسىدىكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى سۆز-چۆچەكلەردىن قارىغاندا، iPhone 13 ھەقىقەتەن ساقلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

ئۇنداقتا iPhone 13 توغرىسىدا قانداق ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى؟ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، iPhone 13كە ئىكراندىن بارماق تونۇش ئىقتىدارى سەپلىنىدىكەن. يېقىندا ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك پاتېنت ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئالمىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك يېڭى يانفونىغا ئەمەلىي Home كۇنۇپكىسى سەپلەنمىگەن ئەھۋالدا Touch ID ئىقتىدارى قايتىدىن قوشۇلىدىكەن.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ يېڭى يانفونىغا ئاندرويىد تېلېفونلار ئاللىقاچان ئىشلىتىپ سېسىتىۋەتكەن ئىكراندىن بارماق تونۇش ئىقتىدارى سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئالمىنىڭ پاتېنت باياناتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئىقتىدار ئوپتىكىلىق ئىكران بارماق ئىزى تونۇش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە بۇ ئىقتىدار يەنىلا پاتېنت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا iPhoneغا ئىشلىتىلىش ئىشلىتىلمەسلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بىراق ئالمىنىڭ تۈرلۈك بىشارەتلىرىدىن ئايانكى، بۇ ئىقتىدارنى iPhone 13كە سەپلەش ئويى بار شۇنداقلا زۆرۈرىيىتى بار. چۈنكى بۇ يىلقى يۇقۇم سەۋەبىدىن، نۇرغۇن كىشىلەر ماسكا تاقىغاچقا، Face ID بىۋاسىتە كۈچتىن قېلىپ، ئابۇنتلار ياكى ماسىكىنى ئېلىۋېتىپ چىراي تونۇتۇشقا ياكى مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان، يەنە كېلىپ ھەر ئىككى خىل ئۇسۇل ناھايىتى قولايسىز.

بۇ يىلقى iPadAir 4 ياندىن بارماق تونۇيدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ ئالمىنىڭ Touch IDنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇندىن بۇرۇنمۇ ئالمىنىڭ 2021-يىلى Touch ID سەپلەنگەن ئالما يانفونى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، ئەگەر iPhone 13كە ئىكراندىن بارماق تونۇش ئىقتىدارى سەپلەنسە، ئۇنداقتا Face ID بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

iPhone 13 توغرىسىدا ئاشكارىلانغان باشقا خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، مەلۇم بىر بىلوگ ئىگىسى يەنە iPhone 13نىڭ ماڭلاي لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، iPhone 13كە داۋاملىق چوڭ ماڭلاي لايىھەسى ئىشلىتىلىدىكەن، بىراق ماڭلاينىڭ كەڭلىكى بۇرۇنقىدىن كىچىكلەيدىكەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، iPhone 13كە يەنە 1TB ساقلاش سىغىمى سەپلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت 8Kلىق سىنغا ئېلىشقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىكەن.