ئالما ئەپ ئاچقۇچىلاردىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغىش تەپسىلاتىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
Engadget جۇڭگو تورىنىڭ 7-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى 6-ئايدىكى يەرشارى ئاچقۇچىلار يىغىنىدا، بۇندىن كېيىن ئابۇنتلار App Storeدىن ئەپ چۈشۈرگەندە، «ئۇزۇقلۇق تەركىبى»گە ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىلدە بۇ ئەپ يىغىدىغان ئابۇنتلار ئۇچۇرى تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق iOS 14 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتى بۇ بەلگىلىمىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىراق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەمدى كونكرىت ئىجرا قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەن.
12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچىلار چوقۇم ئەپ يىغىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار تەپسىلاتىنى تەمىنلىشى كېرەك بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ئاتالمىش «تەركىپ جەدۋېلى»مۇ ئۇزاققا قالمايدىكەن. ئەگەر ئاچقۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەييارلاپ بولغان بولسا، App Store Connect تور بېكىتى ئارقىلىق تاپشۇرسا بولىدىكەن. ئەگەر يېڭى ئەپ ئېلان قىلماقچى ياكى يېڭىلىماقچى بولسا، ئالمىنىڭ نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەزمۇنلانى قوشۇپ يوللىشى لازىم ئىكەن.